ئىراق ئارمىيەسى دائېشقا ئېغىر زەربە بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى
ئىراق خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ شەھەردىكى ئاخىرقى نۇقتا، دەپ قارىلىۋاتقان ئەلقادىمە رايونىدىكى دائېش ئەزالىرىنىڭ ھەرىكەت ساھەسىنى تارايتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ مۇسۇل شەھىرىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارىتىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا تەشكىلاتنىڭ 29 ئەزاسى بىر تەرەپ قىلىندى، ئىراق كۈچلىرى رايوندىكى ئىككى يېزىنى دائېشتىن قايتۇرۇۋالدى.
باغدادنىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىدا مەيدانغا كەلگەن ھۇجۇملاردا بولسا، 5 ئادەم ئۆلدى، 10 ئادەم يارىلاندى.
ئىراق خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ شەھەردىكى ئاخىرقى نۇقتا، دەپ قارىلىۋاتقان ئەلقادىمە رايونىدىكى دائېش ئەزالىرىنىڭ ھەرىكەت ساھەسىنى تارايتقانلىقىمۇ قەيت قىلىندى.
ئىراقنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى بولغان مۇسۇل، 2014 – يىلى ئىيۇن ئېيىدا دائېشنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەنىدى. مۇسۇلنىڭ شەرقىي قىسمىنى يانۋار ئېيىنىڭ ئاخىرىدا پۈتۈنلەي كونتروللۇقى ئاستىغا ئالغان ئىراق كۈچلىرى، 19 – فېۋرالدىن باشلاپ شەھەرنىڭ غەربىنى دائېشتىن قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە تۇتۇش قىلغانىدى.