كولومبىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى

كولومبىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى جۇئان فېرناندو كرىستو كېلەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنت سايلىمى ئۈچۈن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى.

740213
كولومبىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت جۇئان مانۇئېل سانتوس پايتەخت بوگوتادىكى پىرېزىدېنت سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، كرىستونىڭ ئورنىغا مۇئاۋىن پىرېزىدېنت گۇئىللېرمو رىۋېرانىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلىكىنى، كرىستونىڭ كولومبىيە ئىنقىلابىي قوراللىق كۈچلەر بىلەن ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ھۆكۈمەت نامىدىن خىزمەت ئىشلەشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئىگىلىنىشىچە، لىبېرال پارتىيەنىڭ پىرېزىدېنت نامزات نامزاتى كرىستونىڭ رەقىبى بولسا كولومبىيە ئىنقىلابىي قوراللىق كۈچلەر بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سۆھبەتلەرنىڭ باش مۇزاكىرىچىسى ھۇمبېرتو دې لا كاللې ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر