گېرمانىيە  مىنىستىرى مۇسۇلمانلارنى ماختىدى

گېرمانىيە مالىيە مىنىستىرى ۋولفگاڭ سىچۇبلە «گېرمانىيەدىكى خىرىستىيانلار ۋە باشقا بارلىق ئىنسانلارنىڭ مۇسۇلمانلاردىن ئۆگىنىشكە تېگىشلىك نۇرغۇن تەرەپلىرى بار» دېدى.

740158
گېرمانىيە  مىنىستىرى مۇسۇلمانلارنى ماختىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە مالىيە مىنىستىرى ۋولفگاڭ سىچۇبلە گېرمانىيەدە مۇسۇلمان كۆچمەنلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ بىر ئامەت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

گېرمانىيە مالىيە مىنىستىرى ئىسلامدا مېھماندوستلۇق ۋە ئەخلاق – پەزىلەتكە ئوخشاش مۇھىم ئىنسانىي قىممەت قاراشلارنىڭ بارلىقى تەكىتلەپ، گېرمانىيەدىكى خىرىستىيانلار ۋە باشقا بارلىق ئىنسانلارنىڭ مۇسۇلمانلاردىن ئۆگىنىشكە تېگىشلىك نۇرغۇن تەرەپلىرى بارلىقىنى تىلغا ئالدى. 

ۋولفگاڭ سىچۇبلە «Deutschlandfunk» رادىيوسىغا بەرگەن باياناتىدا، «ئىسلام گېرمانىيەگە تەۋەمۇ-  ئەمەسمۇ؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىپ، «ھەقىقەتلەرنى تونۇش لازىم» دېدى. گېرمانىيەدە ئىسلام دۆلەتلىرىدىن كەلگەن نۇرغۇن كىشىنىڭ ياشايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، دۆلەت ئاساسىي قانۇنىغا ماس ھالدا ياشاش ئۈچۈن بۇ كىشىلەر بىلەن قانداق بىرلىكتە ئۆتۈش توغرۇلۇق يەنە ئۇلار بىلەن دىيالوگ ئورناتماي بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ۋولفگاڭ سىچۇبلە «ئىسلام گېرمانىيەنىڭ بىر پارچىسىدۇر» دېگەن سۆزىدە مەھكەم تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

گېرمانىيە مالىيە مىنىستىرى ۋولفگاڭ سىچۇبلە تېخى يېقىندا ئېلان قىلغان باياناتى بىلەن زور تالاش – تارتىش ياراتقان ئىدى.

ئۇ باياناتىدا چىركاۋنىڭ سىياسەتكە تۇتقان پوزىتسىيەسىنى تەنقىد قىلغان ۋە: «چىركاۋ دۇنيالىق مەسىلىلەردە يالغۇز ئۆزىلا ھەقىقەتلەرگە ئىگە بولىۋالالمايدۇ» دېگەن ئىدى.

ئۇ يەنە، دېموكراتىك دۆلەتلەردە ھەممىلا كىشىنىڭ پىكرىنى بايان قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى تەكىتلەپ، «قاتمال ئېتىقادغا ئاساسەن بايانات ئېلان قىلغانلار بۇ ئەھۋاللارنى چۈشەنمەيدۇ» دېگەن ئىدى.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر