ناتو مۇ دائېشقا قارشى كۈرەشكە قاتنىشىدۇ

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو) مۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ سېپىگە قېتىلىدۇ.

738926
ناتو مۇ دائېشقا قارشى كۈرەشكە قاتنىشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو غا ئەزا 28 دۆلەت شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەشكە قاتنىشىشى ئۈچۈن قارار ماقۇللىدى.

بۇ قارارنىڭ بۈگۈن بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا چاقىرىلىدىغان ناتو ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىدا ئېلان قىلىنىشى كۈتۈلمەكتە.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئەنگلىيەنىڭ مانچېستېر شەھىرىدە ئالدىنقى كۈنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ۋە 22 كىشى قازا قىلغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن ئېلىنغان بۇ قارار ئارقىلىق ناتو تېررورىزم تەھدىتىگە سۈكۈت قىلمايدىغانلىقى توغرۇلۇق سىگنال بېرىشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

ناتو نىڭ ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ سېپىگە قېتىلىشى بىلەن تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەشنىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە قانات يايدۇرۇلۇشى كۈتۈلمەكتە.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ ئاخبارات ۋە تەلىم - تەربىيە پائالىيەتلىرىگە ھەسسە قوشىدىكەن، ئافغانىستاندىكى ئەلقائىدە ۋە تالىبانغا قارشى كۈرەشكە رەھبەرلىك قىلىۋاتقان ناتو نىڭ ئۇرۇش تەجرىبىسىنى ئورتاقلىشىش ۋە ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنى لازىمەتلىكلەر بىلەن تەمىنلەش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى ستولتېنبېرگ تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ سېپىگە قېتىلغان تەقدىردە، ناتو نىڭ ئۇرۇش قىلغۇچى سۈپىتىدە رول ئوينىمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى رەھبەرلىكىدىكى «دائېشقا قارشى كۈرەش ئىتتىپاقداش كۈچلىرى» 2014 – يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، تۈركىيە قاتارلىق 68 دۆلەت ئىشتىراك قىلغان ئىتتىپاقداش كۈچلىرى سۈرىيە ۋە ئىراقنىڭ شىمالىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ھەرىكەتلىرىگە ياردەم بەرمەكتە.

ئىگىلىنىشىچە، ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ سېپىدىن ناتو غا ئەزا 28 دۆلەت ئورۇن ئالماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر