بىرازىلىيەدە يېزا-ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ بىناسىغا ئوت قويۇۋېتىلدى

بىرازىلىيەنىڭ پايتەختىدە ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادىي تەدبىر سىياسەتلىرىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

739096
بىرازىلىيەدە يېزا-ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ بىناسىغا ئوت قويۇۋېتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرازىلىيەنىڭ پايتەختىدە ھۆكۈمەتكە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردا يېزا-ئىگىلىك مىنىستىرلىقى بىناسىغا ئوت قويۇۋېتىلدى.

ئالاقىدار مەسئۇللار تەخمىنەن 35 مىڭ كىشى قاتناشقان نامايىشتا بىر قىسىم مىنسىتىرلىقلارنىڭ بىنالىرىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نامايىشچىلار سەۋەبىدىن بىر قىسىم مىنىستىرلىقلارنىڭ بىنالىرى تارقاقلاشتۇرۇلدى.

بىر مەسئۇ ل يېزا-ئىگىلىك مىنىستىرلىقى بىناسىغا قىلىنغان ھۇجۇم ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مىنىستىرلىق بىناسىنىڭ كىرىش ئېغىزىنى نامايىشچىلار ئىشغال قىلىۋېلىپ بىنانىڭ ئىچىدىكى بىر ئۆيگە ئوت قويۇۋەتتى،ئارقىدىن بۇرۇنقى مىنىستىرلارنىڭ ئىشخانىلىرىنى قالايمىقان قىلىۋەتتى، ساقچىلار ئۇلارنى بېسىقتۇرۇشقا مەجبۇر بولدى.»

مىنىستىرلىق بىنالىرىنى قوغداش ئۈچۈن ھەربىي قىسىملارنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكى، ساقچىلارنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ساقچىلار نامايىشچىلارنى تارقىتىۋېتىش ئۈچۈن پىلاستىك ئوق بىلەن ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئىشلەتتى.

ساقچىلارغا تاش ئاتقان نامايىشچىلار دەسلەپ كوچىلارغا توساقلارنى قۇرۇپ چىقتى، ئارقىدىن بۇ توساقلارغا ئوت قويۇۋەتتى.

نامايىشچىلار پىرېزىدېنت مايكېل تېمېرنىڭ ئىستېپا بېرىشنى، بالدۇر سايلام ئۆتكۈزۈلۈشىنى ۋە ئىقتىسادىي تەدبىر سىياسەتلىرىنىڭ بىكار قىلىنىشىنى تەلەپ قىلماقتا.

بىر شاھىتقا سۈكۈت قىلىش ئۈچۈن پارا بېرىش بىلەن ئەيىبلەنگەن تېمېر، ئۆتكەن ھەپتە ئۆزى توغرۇلۇق چىققان ئەيىبلەشلەرنى قەتئىي رەت قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر