بىرازىلىيەدە 272 كىلوگىراملىق زۇمرەت تېشى تېپىلدى

بىرازىلىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى بىر كاندىن ئۇزۇنلۇقى 1 مېتىر 30 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى 272 كىلوگىرام كېلىدىغان بىر پارچە زۇمرەت تېشى تېپىلدى.

738323
بىرازىلىيەدە 272 كىلوگىراملىق زۇمرەت تېشى تېپىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرازىلىيە مەملىكەتلىك كان مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش باشقارمىسىدىن پاۋلو سانتانا، مەزكۇر زۇمرەتنىڭ بۇنىڭدىن 20 كۈنچە ئىلگىرى باخىئا ئۆلكىسى باخىئا كان كوپىراتىپىدىكى كانچىلار تەرىپىدىن تېپىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى. ئۇ، بۇ زۇمرەت تېشىنىڭ 2001 – يىلى تېپىلغان 300 مىليون دوللار قىممىتىدىكى 292 كىلوگىرام ئېغىرلىقتىكى زۇمرەت تېشىدىن كېيىنكى رايوندىن تېپىلغان ئىككىنچى چوڭ مەدەن ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

سانتانا، زۇمرەت تېشىنىڭ باھاسىنى بىلمەيدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ رايوندىكى كان خوجايىنىغا سېتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىسمىنىڭ ئاشكارىلانماسلىقىنى تەلەپ قىلغان خېرىدارنىڭ ئادۋوكاتىمۇ، سېتىۋالغۇچىنىڭ زۇمرەت تېشىنى مۇزېي ۋە كۇتۇپخانىلاردا كۆرگەزمە قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر