پىيوڭياڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى

شىمالىي كورېيە يەكشەنبە كۈنىدىكى ئوتتۇرا مۇساپىلىك باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

736735
پىيوڭياڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىيوڭياڭ، شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭ-ئۇننىڭ پۇكگۇكسوڭ-2 ناملىق باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى قويۇپ بېرىلىشتىن ئىلگىرى كۆزدىن كەچۈرگەنلىكىنى ۋە سىناق قىلىنىشىنى ماقۇللىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

جەنۇبىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، بومبا سىنىقىغا «بىپەرۋالارچە ۋە مەسئۇلىيەتسىزلەرچە» دەپ باھا بەرگەن بولسا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون، بومبا سىنىقىنىڭ ئۈمىدسىزلىك ۋە بىئاراملىق پەيدا قىلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ياپونىيە باش مىنىستىرى شىنزو ئابېمۇ، شىمالىي كورېيەنىڭ يېڭى باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىش ئارقىلىق، ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى تىنچ ئۇسۇلدا ھەل قىلىش ئۈچۈن سەرپ قىلىنىۋاتقان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تىرىشچانلىقلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، دۇنياغا دوئېل ئېلان قىلغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ، بۇ مەسىلىنى ئىتالىيەدە چاقىرىلىدىغان 7 دۆلەت گۇرۇھى يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

جەنۇبىي كورېيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تۈنۈگۈن بايانات بېرىپ، شىمالىي كورېيەنىڭ يېڭى بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر