خەلقئارا جەمئىيەت رۇھانىنىڭ زەپىرى توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈرۈشكە باشلىدى

ئىران پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا ھەسەن رۇھانى %57 ئاۋازغا ئېرىشىپ ئىككىنچى قېتىم پىرېزىدېنتلىققا سايلاندى.

736194
خەلقئارا جەمئىيەت رۇھانىنىڭ زەپىرى توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈرۈشكە باشلىدى
tahran kutlama.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھەسەن رۇھانى بايانات بېرىپ، بېلەت تاشلىغۇچىلارنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنى دوستانە داۋاملاشتۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھالدا، «خەلقنىڭ ساندۇق ئارقىلىق بەرگەن سىگنالى روشەن؛ ئىران خەلقى زوراۋانلىق ۋە ئاشقۇنلۇقتىن يىراق ھالدا دۇنيا بىلەن ئالاقە ئورنىتىشنى تاللىدى. بۇ تىنچلىق ۋە دوستلۇقنىڭ غەلىبىسىدۇر» دېدى.

خەلقئارا جەمئىيەت رۇھانىنىڭ سايلىنىشى توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈرۈشكە باشلىدى؛ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون رۇھانىنى تېررورلۇق گۇرۇپپىلىرىنى قوللاش، ئۇلارنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش ۋە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىغا خاتىمە بېرىشكە چاقىرغان ھالدا، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ قايتىدىن بەرپا قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسەتلىرى ئالىي ۋەكىلى فېدېرىكا موگېرىنىمۇ بايانات بېرىپ، ئىران بىلەن ھاسىل قىلىنغان يادرو كېلىشىمىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى جەھەتتە رۇھانى بىلەن ناھايىتى ياخشى خىزمەت قىلىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلدى ۋە سايلام نەتىجىسىنىڭ ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ياخشى ئاساس بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئېيتتى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىنمۇ رۇھانىغا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللاپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن بىرلىكتە خىزمەت قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئىراندىكى ئىسلاھاتچى ياشلار، ھەسەن رۇھانى كونسېرۋاتىپ نامزات ئىبراھىم رەئىسىنى يېڭىپ چىققان پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ نەتىجىسىنى پايتەخت تېھران كوچىلىرىدا تەبرىكلىدى.

يۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن ئىسلاھاتچى ياشلار، رۇھانىنىڭ رەسىمىنى كۆتۈرۈپ ماڭدى ۋە ئۆكتىچى رەھبەر مىر ھۈسەيىن مۇسەۋىنى قوللاپ شوئار توۋلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر