ئىراندىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ غەيرى رەسمىي نەتىجىلىرى

ئىراندىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا چۈشكەن بېلەتلەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى سانىلىپ بولدى.

735762
ئىراندىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ غەيرى رەسمىي نەتىجىلىرى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراندىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ دەسلەپكى غەيرىي رەسمىي نەتىجىلىرىگە قارىغاندا ئىسلاھاتچى ۋە مۆدىتىل دىندارلار سىنىپىنىڭ نامزاتى پىرېزىدېنت ھەسەن رۇھانى ئالدىدا كېتىۋاتقاندەك قىلىدۇ. 

12 – نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا چۈشكەن بىلەتلەرنى ساناش داۋاملاشماقتا.

ئىران سايلام ئالىي كېڭىشى باشلىقى ئەلى ئەسغەر ئەھمەدى، تەخمىنەن 25 مىليون بېلەتنىڭ سانىلىپ بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ بىلدۈرىشىچە، ھەسەن رۇھانىي 14 مىليون 619 مىڭ بېلەتكە ئېرىشكەن. رۇھانىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك رەقىبى دىندارلار سىنىپىنىڭ نامزاتى سابىق باش مۇپەتتىش ئىبراھىم رەئىسى بولسا، 10 مىليون 125 مىڭ بېلەتكە ئېرىشكەن.

ئىبراھىم رەئىسىنى دىنىي رەھبەر ئايەتۇللاھ ھامانىي قوللاپ – قۇۋۋەتلىمەكتە.

ئىران سايلام ئالىي كېڭىشى باشلىقى ئەلى ئەسغەر ئەھمەدى بۇ قېتىمقى سايلامغا تەخمىنەن 40 مىليون كىشىنىڭ بېلەت تاشلىغانلىقىنى ۋە رەسمىي نەتىجىنىڭ بۈگۈن كەچكىچە ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىراننىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 80 مىليون بولۇپ، رۇيخەتكە ئېلىنغان سايلىغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي سانى 56 مىليون. سايلام جەريانىدا ئادەم زىچلىقى سەۋەبىدىن بېلەت تاشلاش مۇددىتى 2 قېتىم ئۇزارتىلدى. 

2015 – يىلى ئىران بىلەن خەلقئارالىق ئالتە چوڭ كۈچ ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان يادرو كېلىشىمىدىن كېيىن، ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى پىرېزىدېنتلىق سايلىمى رەھانىيغا نىسبەتەن بىر ئىمتېھان بولۇش خاراكتېرىگە ئىگە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر