بۈگۈن ئىران خەلقى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا بىلەت تاشلىماقتا

ئىراندا پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ئۈچۈن دۆلەت ئاساسىي قانۇنىنى قوغدىغۇچىلار كېڭىشى تەرىپىدىن 6 نامزات بەلگىلەنگەن ئىدى.

735399
بۈگۈن ئىران خەلقى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا بىلەت تاشلىماقتا

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراندا بۈگۈن پىرېزىدېنت ۋە ۋىلايەتلىك پارلامېنت سايلاملىرى ئۈچۈن خەلق ساندۇق بېشىغا بارىدۇ.

جەمئىي 63 مىڭ جايغا قۇرۇلغان 130 مىڭ سايلام ساندۇقىغا بېلەت تاشلاش پائالىيىتى باشلاندى.

پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا ئىسلاھاتچىلار بىلەن مۆتىدىل دىندارلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرگەن ھەسەن رۇھانىي بىلەن دىندارلارنىڭ نامزاتى ئىبراھىم رەئىسىي كەسكىن رىقابەتكە چۈشىدىغاندەك قىلىدۇ. 

ئىراندا 56 مىليوندىن كۆپرەك رۇيخەتكە ئېلىنغان سايلىغۇچىلارنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

دىنىي رەھبەر ئايەتۇللاھ ھامانىي بېلەت تاشلاش پائالىيەتلىرى باشلانغاندىن كېيىن، پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا بىلەت تاشلىغۇچىلار نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ، پۈتۈن خەلقنى ساندۇققا بېرىشقا چاقىرىق قىلدى.

ئىراندا پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ئۈچۈن دۆلەت ئاساسىي قانۇنىنى قوغدىغۇچىلار كېڭىشى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن 6 نامزاتتىن ئىككىسى رىقابەتتىن چېكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئىسلاھاتچىلارنىڭ نامزاتى 1 – مۇئاۋىن پىرېزىدېنت جىھانگىرى پىرېزىدېنت رۇھانىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلەپ نامزاتلىقتىن چېكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

دىندار سىنىپنىڭ نامزاتلىرىدىن تېھران شەھەر باشلىقى مۇھەممەد باكىر غالىباف بولسا، رەئىسىنى قوللاپ نامزاتلىقتىن چېكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر