ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى پەلەستىنلىكلەرنى تۇتقۇن قىلدى

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدا 22 پەلەستىنلىكنى تۇتقۇن قىلدى.

735155
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى پەلەستىنلىكلەرنى تۇتقۇن قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئەلخەلىل شەھىرى بىلەن كەفەر قەددۇم، سىلۋاد، ھەمزە، ئەبۇد، بەيت ئەۋۋا، ئەسسەممۇ ۋە ئەلئەرۇب رايونلىرىدا پەلەستىنلىكلەرگە ئائىت ئۆيلەرگە باستۇرۇپ كىرىپ، 22 پەلەستىنلىكنى قولغا ئالغان.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئىسرائىلىيە كۈچلىرى ئىشغال ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە شەرقىي قۇددۇستا پات - پات ئۆيلەرگە باستۇرۇپ كىرىپ، پەلەستىنلىكلەرنى تۇتقۇن قىلماقتا ئىكەن.

پەلەستىنلىك ئەسىرلەر جەمئىيىتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان تەشكىلاتلار تەرىپىدىن ھازىرلانغان دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدە 481 ى ئىشغال ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇستىكىلەر بىلەن قوشۇلۇپ، 57 ئايال ۋە 300 بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 7 مىڭغا يېقىن پەلەستىنلىك مەھبۇس بار ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر