ئامېرىكىلىق جاسۇس تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تارىخىنىڭ ئەڭ چوڭ ھەربىي جاسۇسلۇق جىنايىتىنى سادىر قىلغان چېلسېي ماننىڭ، 7 يىل قاماقتا ياتقاندىن كېيىن جەمئىيەتكە قەدەم باستى.

735039
ئامېرىكىلىق جاسۇس تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماننىڭ، 2009 – يىلى ئىراقتا ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدا خىزمىتىنىڭ تەقەززاسى سۈپىتىدە ئېرىشكەن يۈز مىڭلارچە ھەربىي ۋە سىياسىي مەخپىي ھۆججەتنى ۋىكىلېكس ناملىق تور بېتىگە بەرگەندىن كېيىن ئاشكارىلىنىپ قېلىپ سوتلانغان ۋە 2013 – يىلى 35 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانىدى. تۈرمىدىكى مەزگىلىدە جىنس ئۆزگەرتكەن ماننىڭ، ئىسمىنى برېدلېيدىن چېلسېيغا ئۆزگەرتكەنىدى.

ئامېرىكىنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى باراك ئوباما ۋەزىپە مۇددىتى ئاخىرلىشىشقا ئاز قالغاندا تويۇقسىزلا قارار ماقۇللاپ، ماننىڭنى كەچۈرۈم قىلغانىدى.

پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ مەخسۇس ئىجازەتنامىسى سايىسىدا كەچۈرۈمگە ئېرىشكەن ماننىڭ، 7 يىللىق تۈرمە ھاياتىدىن كېيىن قويۇپ بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر