پۇتىن، ئامېرىكىدا بىر خىل سىياسىي ئېلىشىپ قېلىش كېسەللىكى پەيدا بولۇۋاتىدۇ، دېدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋنى قەتئىي مەخپىي ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىڭ غۇلغۇلىسى داۋام قىلماقتا.

734995
پۇتىن، ئامېرىكىدا بىر خىل سىياسىي ئېلىشىپ قېلىش كېسەللىكى پەيدا بولۇۋاتىدۇ، دېدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن سوچىدا ئىتالىيە باش مىنىستىرى پاۋلو گېنتىلونى بىلەن ئۇچراشقاندىن  كېيىن ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا بىر خىل سىياسىي ئېلىشىپ قېلىش كېسەللىكىنىڭ پەيدا بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. چۈنكى، ترامپنىڭ رۇسىيە بىلەن مەخپىي ئۇچۇرلارنى ئورتاقلاشقانلىقى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرنى باشقا شەكىلدە ئىزاھلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس» دېدى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن، لاۋروۋ – ترامپ ئۇچرىشىشىنىڭ تەپسىلاتىغا دائىر ماتېرىياللارنى ئامېرىكا پالاتاسىغا سۇنۇشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنىمۇ تەكىتلەپ ئۆتتى.

رۇسىيەنىڭ 8 – نويابىردىكى ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا مۇداخىلە قىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر دەسلەپتە قىزىقارلىق تۇيۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن پۇتىن، «بىراق نۆۋەتتە بىز ئەندىشە قىلغۇدەك بىر نۇقتىغا كەلدى. بۇ خىل بىمەنىلىكلەرنى ئوتتۇرىغا چىقارغان كىشىلەرنىڭ يەنە نېمىلەرنى چىقىرىشىنى مۆلچەرلىيەلمەيمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكىدا رۇسىيەگە قارشى سۆزلەرنىڭ ئىچكى سىياسەتنىڭ ماتاسىغا ئايلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن پۇتىن، بۇنىڭ خەتەرلىك يۆنىلىش ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.

ترامپنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئاقسارايدا رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇنىڭ بىلەن دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا دائىر قەتئىي مەخپىي ئۇچۇرلارنى ئورتاقلاشقانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى. ترامپمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئارقىلىق ئۇچۇر تارقىتىپ، ئىسرائىلىيەدىن كەلگەن دائېشقا ئالاقىدار ئىنتايىن مەخپىي بەزى ئۇچۇرلار توغرىسىدا رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن سۆزلەشكەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر