ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق تۈركلەر ترامپقا ئوچۇق مەكتۇب يازدى

مەكتۇبتا فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بېرىلىشى ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىپ سۈرىيەدىكى قۇيرۇقچىسى ي پ گ گە ياردەم قىلىنماسلىقى تەلەپ قىلىندى.

733818
ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق تۈركلەر ترامپقا ئوچۇق مەكتۇب يازدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىدا پائالىيەت قىلىۋاتقان 150 كە يىقىن تۈركىيە – ئامېرىكا ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلغان رەھبەرلىك كومىتېتى، فوتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى كاتىۋىشى فەتھۇللاھ گۈلەننى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بېرىش ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى قۇيرۇقچىسى ي پ گ گە ياردەم قىلماسلىق ھەققىدە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپقا ئۇچۇق مەكتۇب يازدى.  

ۋاشىنگىتون پوشتا گېزىتىنىڭ ئارقا بېتىدە ئېلان قىلىنغان مەكتۇبتا، تۈركىيە – ئامېرىكا رەھبەرلىك كومىتېتىنىڭ، پىرېزىدېنت ترامپ بىلەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۇچرىشىشتىن ئىلگىرى بەزى مۇھىم ئەسكەرتىشلەردە بولغانلىقى قەيت قىلىندى.

مەكتۇبتا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ سىياسىي، ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي ساھەلەردە 65 يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقانلىقى تەكىتلىنىپ، كورېيە، ئافغانىستان، سومالى، ماكېدونىيە، بوسنىيە - گىرېتسىگوۋېنا ۋە كوسوۋادا، ئامېرىكا بىلەن تۈركىيەنىڭ مۇرىنىنى مۇرىگە تېرەپ كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ھەل قىلىش چارىلىرى ئىزدىگەنلىكى ئەسلىتىلدى.

تۈركىيەدە يۈز بەرگەن 15 - ئىيۇل ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدە، ئارمىيەنىڭ ئىچىگە سېڭىپ كىرىۋالغان بىر گۇرۇپپا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ تۈركىيە خەلقىگە قارشى قورال ئىشلەتكەنلىكى تەكىتلىنىپ، «تەخمىنەن 250 بىگۇناھ ئىنسان ھاياتىدىن ئايرىلدى. پارلامېنت بىناسى بومباردىمان قىلىندى. بۇلار بۇيرۇقنى تۈركىيە ئارمىيەسىدىن ئالمايتتى. بەلكى بۇلار ئامېرىكىدا قانچە ئونلىغان توختاملىق مەكتەپلىرى، دىنلار ئارا دىيالوگ پائالىيەتلىرى بولغان مەخپىي فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى ئىدى. ئامېرىكىلىقلارنى بۇلاردىن قاتتىق دىققەت قىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرىمىز»دېگەن سۆزلەرگە ئورۇن ئاجرىتىلدى.

مەكتۇبتا يەنە، سۈرىيە مەسىلىسى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، تۈركىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا ۋە ي پ گ گە قارشى كۈرىشى تىلغا ئېلىندى. دائېش ۋە پ ك ك نىڭ ئامېرىكىغا نىسبەتەنمۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى ھېسابلىنىدىغانلىقى، شۇڭا پ ك ك نىڭ «ي پ گ» ۋە «پ ي د» دېگەن ناملار بىلەن پائالىيەت قىلىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

تۈركىيەنىڭ 3 مىليوندىن ئارتۇق سۈرىيەلىك پاناھلانغۇچلارغا ساھىبخانلىق قىلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن مەكتۇبتا يەنە، تۈركىيەدە ئوخشاش بولمىغان كۈلتۈر ۋە ئىرقلارغا مەنسۇپ كىشىلەرنىڭ بىر يەردە ياشاۋاتقانلىقى، بۇ جەھەتتە رايونغا نىسبەتەن مۇھىم ئۈلگىلىك رول ئويناۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر