تۇنىستا جىددىي ھالەتنىڭ مۇددىتى يەنە بىر ئاي ئۇزارتىلدى

تۇنىس پىرېزىدېنتى ئەل-باجى قايىد ئەس-سىبسى جىددىي ھالەتنىڭ مۇددىتىنى يەنە بىر ئاي ئۇزارتىشنى قارار قىلدى.

733435
تۇنىستا جىددىي ھالەتنىڭ مۇددىتى يەنە بىر ئاي ئۇزارتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۇنىس پىرېزىدېنتى ئەل-باجى قايىد ئەس-سىبسى 2015-يىلى نويابىردىن بۇيان تۇنىس مىقىياسىدا يولغا قويۇپ كېلىنىۋاتقان جىددىي ھالەتنىڭ مۇددىتىنى يەنە بىر ئاي ئۇزارتىشنى قارار قىلدى.

پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، پىرېزىدېنت سىبسى تۇنىس مىقىياسىدا يولغا قويۇپ كېلىنىۋاتقان جىددىي ھالەتنىڭ مۇددىتىنى يەنە بىر ئاي ئۇزارتىشنى قارار قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تۇنىس رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى تاپنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى باياناتچىسى رادا بۇقاززىمۇ جەمئىيەت ئامانلىقىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى، بىراق ھەربىي ھەرىكەتلەر تۈپەيلى جىددىي ھالەتنىڭ يەنە بىر ئاي داۋاملىشىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

تۇنىستا 2015-يىلى نويابىردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان جىددىي ھالەتنىڭ مۇددىتى ئاخىرقى قېتىم بۇ يىل 16-فېۋرالدا ئۈچ ئاي ئۇزارتىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر