نىگېرىيەدىكى جامە ھۇجۇمىدا كەم دېگەندە 20 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى

نىگېرىيەنىڭ نېگىر ئۆلكىسىدىكى بىر يېزا جامەسىگە قىلىنغان ھۇجۇمدا دەسلەپكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 20 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

733109
نىگېرىيەدىكى جامە ھۇجۇمىدا كەم دېگەندە 20 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆلكىلىك ساقچى ئىدارىسى باياناتچىسى بالا ئەلكانا، ھۇجۇمنىڭ كىملىكى ھازىرغىچە ئېنىقلىنالمىغان نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن سادىر قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

يايلاقلار سەۋەبىدىن يېزا ئاھالىسى بىلەن كۆچمەن پادىچىلار ئارىسىدا پات – پات توقۇنۇش يۈز بېرىپ تۇرىدىغان مەزكۇر رايوندىكى بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنى فۇلانى چوپانلىرىنىڭ سادىر قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

يېقىنقى ئىككى يىلدا دۆلەتنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى پادىچىلار بىلەن دېھقانلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا 400 دىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

فۇلانى چوپانلىرىنىڭ نىگېرىيەنىڭ خىرىستىيانلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبتىكى رايونلىرىدا 18 – ئەسىر ئىسلام ئىسلاھاتچىسى شەيخ ئوسمان دان فودىئونىڭ تەلىماتلىرىنى تارقىتىشقا تىرىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

چارۋىلىرىغا ئوت – چۆپ تېپىش ئۈچۈن دۆلەتنىڭ جەنۇبىغا كۆچكەن فۇلانىلار، دېھقانلارنىڭ چارۋىلىرىنى ئوغرىلاشقا ئۇرۇنغانلىقى ۋە ئۆزلىرىگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

بەزى تاراتقۇلارنىڭ ۋەقەنى مۇسۇلمان چوپانلارنى ئەيىبلەيدىغان شەكىلدە خەۋەر قىلىشى كۈچلۈك دىققەتنى تارتماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر