جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئامېرىكىدا

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ بىلەن ئاق سارايدا ئەنقەرە ۋاقتى سائەت 19:40 تا كۆرۈشىدۇ.

732833
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئامېرىكىدا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان ئاق سارايدا قارشى ئېلىنغاندىن كېيىن ئالدى بىلەن شەرەپ دەپتىرىنى ئىمزالايدۇ، ئارقىدىن ترامپ بىلەن كۆرۈشىدۇ.

ئۇچرىشىشتا، ئىككى رەھبەر دائېش قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەش، ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، رەققە ھەرىكىتى، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بېرىلىشى قاتارلىق رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مۇھىم مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدۇ.

ئامېرىكا زىيارىتى ھارپىسىدا بېيجىڭدا چاقىرىلغان «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر مۇنبىرى يىغىنىغا قاتناشقان ئەردوغان، بۇ يەردە مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، «بىزنىڭ ترامپ بىلەن ئېلىپ بارىدىغان كۆرۈشۈشىمىز ناھايتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە» دېگەنىدى.

پىرېزىدېنت ترامپ ئۇچرىشىشتىن كېيىن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ شەرىپىگە چۈشلۈك تاماق زىياپىتى بېرىدۇ، ئەردوغان زىياپەتتىن كېيىن تۈركىيە باش ئەلچىخانىسىغا يېتىپ بېرىپ، ئالدى بىلەن جامائەت ئەربابلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ، ئارقىدىن داڭلىق شىركەتلەرنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر