خىتاي: بىر بەلباغ، بىر يول لايىھەلىرىگە 79 مىليارد دوللار ئاجرىتىلىدۇ

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قاتارلىق 29 دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى ئىشتىراك قىلغان «بىر بەلباغ، بىر يول خەلقئارا ھەمكارلىق يىغىنى» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى.

731740
خىتاي: بىر بەلباغ، بىر يول لايىھەلىرىگە 79 مىليارد دوللار ئاجرىتىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قاتارلىق 29 دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى ئىشتىراك قىلغان «بىر بەلباغ، بىر يول خەلقئارا ھەمكارلىق يىغىنى» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك لايىھەلەرگە 79 مىليارد دوللار مالىيە ئاجرىتىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى.

130 دۆلەت ۋە 70 خەلقئارا شىركەت ۋەكىلىدىن تەشكىل تاپقان 1500 ئۆمەك ئىشتىراك قىلغان يىغىنغا ساھىبخانلىق قىلغان شى جىنپىڭ، ئىككى مىڭ يىلدىن ئارتۇق ئۆتمۈشكە ئىگە يىپەك يولىنىڭ ئاسىيا، ئافرىقا ۋە ياۋروپا قىتئەلىرىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئېتىقاد مەركەزلىرىنى ۋە ناھايىتى كۆپ مەدەنىيەتنى بىر – بىرىگە تۇتاشتۇرغانلىقىنى ۋە بۇ ئارقىلىق جەمئىيەتلەر ئارا ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي مۇناسىۋەتلەرنى كۈچكە ئىگە قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

شى جىنپىڭ، بىر بەلباغ، بىر يول لايىھەسىنىڭ ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈش پىرىنسىپى بىلەن سەرمايە، تېخنولوگىيە، ئىنسان دېگەندەك سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئاساسىي ئامىللىرىنىڭ مەھسۇلات، مەنبە ۋە ئورتاق خىزمەتلەرگە يېتىشىنى قولايلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مەزكۇر لايىھەگە دۇنيانىڭ كەڭ دائىرىدە ئىشتىراك قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن شى جىنپىڭ، بىر بەلباغ، بىر يولنىڭ رۇسىيە تەكلىپ قىلغان «ياۋرو – ئاسىيا ئىقتىسادىي بىرلىكى» ۋە تۈركىيە تەكلىپ قىلغان «ئوتتۇرا كارىدور» لايىھەلىرى بىلەنمۇ ماس ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

«بىر بەلباغ، بىر يول» لايىھەسى دائىرىسىدە 60 قا يېقىن دۆلەت بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن شى جىنپىڭ، خىتايدىن ياۋروپاغىچە سوزۇلغان لايىھەدە قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا ۋە تۆمۈر يوللىرىدا شۇنداقلا تور ساھەسىدە ھەمكارلىقلارنىڭ كۈچىيىدىغانلىقىنى، بۇلارنىڭ پورت ۋە تۇرۇبا لىنىيەلىرى ئارقىلىق كۈچلەندۈرۈلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ، خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى دائىرىسىدە ناھايىتى كۆپ دۆلەت بىلەن قاتناش، توشۇمىچىلىق، ئۈستقۇرۇلما، ئېنېرگىيە، ئۇچۇر – ئالاقە، تاموژنا، ئىقتىساد ۋە سودا، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى، تور سودىسى، دېڭىز ساھەسى لايىھەسى ياكى پىلانلىرىنى تۈزگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

خىتاينىڭ بۇ دائىرىدە 40 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە ئورگان بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى تۈزگەنلىكىنى، بۇ قېتىمقى يىغىن جەريانىدا 30 دىن ئارتۇق دۆلەت بىلەن سودا ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن شى جىنپىڭ، ھەمكارلىق پىلانلىرىنىڭ ئەركىن سودا رايونلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

«بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى دائىرىسىدە ئىشتىراكچى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مەدەنىيەت ئالاقىسىنىڭ كۈچىيىشى ئۈچۈن، مائارىپ ساھەسىگە مەبلەغ ئاجرىتىلغانلىقىنى قەيت قىلغان خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، بۇ دائىرىدە ھەر يىلى ئىشتىراكچى ئەللەردىن 10 مىڭ ئوقۇغۇچىغا ئوقۇش مۇكاپاتى بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر