ياۋروپا ئىتتىپاقىغا بارغان بالا كۆچمەنلەر خەلقئارالىق قوغدىنىش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇندى

بۇلتۇر ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىگە بارغان 63 مىڭ 300 ھەمراھسىز بالا كۆچمەن خەلقئارالىق قوغدىنىش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇندى.

731125
ياۋروپا ئىتتىپاقىغا بارغان بالا كۆچمەنلەر خەلقئارالىق قوغدىنىش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ بالىلارنىڭ % 89 ئوغۇل ئىكەن. ياۋروپا ئىستاتىستىكا ئىشخانىسىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، بۇلتۇر ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەللىرىگە ھەمراھسىز بارغان كۆچمەن بالىلارنىڭ سانى 2015 – يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، ئۈچتە بىر نىسبەتتە تۆۋەنلىگەن بولۇپ، خەلقئارالىق قوغدىنىشنى تەلەپ قىلغان بالا كۆچمەنلەرنىڭ % 68 تى 16 – 17 ياشلاردا ئىكەن، بۇ بالىلارنىڭ % 38 تىنى ئافغانىستانلىقلار، % 19 تىنى سۈرىيەلىكلەر تەشكىل قىلىدىكەن، بۇ بالىلار ھەممىدىن بەكرەك گېرمانىيەگە، ئاندى قالسا نۆۋەت بىلەن ئىتالىيە، ئاۋىستىرىيە ۋە ئەنگلىيەگە كېتىشنى خالايدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر