ترامپ FBİ دىرېكتورىنى ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ دىرېكتورى جېيمس كومېينى ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىدى.

729274
ترامپ FBİ دىرېكتورىنى ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي بايانات بېرىپ، ئەدلىيە مىنىستىرى جېف سېسىئونس ۋە مۇئاۋىنى رود روسېنستېيننىڭ تەۋسىيەسىگە ئاساسەن جېيمس كومېينىڭ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى. ترامپ كومېينىڭ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىشىغا ئۇنىڭ «تەشكىلاتقا رەھبەرلىك قىلالمايدىغانلىقى» نى سەۋەب قىلىپ كۆرسەتتى.

جېيمس كومېينىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقىدىن تېلېۋىزورلار ئارقىلىق ۋاقىپ بولغانلىقى قەيت قىلىندى.

ترامپنىڭ سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرى بىلەن رۇسىيەنىڭ ئالاقىسىنىڭ بار – يوقلۇقىنى تەكشۈرۈۋاتقان ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ سابىق دىرېكتورى كومېي، ھىلارى كىلىنتوننىڭ ئېلخەت سەتچىلىكىگە ئالاقىدار تەكشۈرۈشكىمۇ رىياسەتچىلىك قىلغانىدى.

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى، كومېينىڭ كىلىنتوننىڭ ئېلخەت سەتچىلىكىگە ئالاقىدار تەكشۈرۈشنى ئاممىنىڭ ئالدىدا دەتالاش قىلىش ئارقىلىق مىنىستىرلىقنىڭ قائىدە – پىرىنسىپلىرىغا خىلاپ ھەرىكەت قىلغانلىقىنى ئەسكەرتمەكتە. ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا پالاتاسىدا پالاتا ئەزالىرىنىڭ تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن كومېي، 2013 – يىلىنىڭ سېنتەبىر ئېيىدا سابىق پىرېزىدېنت باراك ئوباما تەرىپىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنىدى.

دېموكراتىك پارتىيە بولسا، رۇسىيەنىڭ ئامېرىكىدا 8 – نويابىردا ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا مۇداخىلە قىلغانلىقىغا ئالاقىدار تەكشۈرۈشكە مۇستەقىل تەپتىش تەيىنلىنىشى كېرەكلىكىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر