دائېش بىر رۇس جاسۇسنى ئۆلتۈردى

سۈرىيە ۋە ئىراقتا قولغا كىرگۈزۈۋالغان جايلىرىدىن بىر – بىرلەپ ئايرىلىپ قېلىۋاتقان دائېش، قولغا چۈشۈرگەن رۇسىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ بىر جاسۇسىنى ئۆلتۈردى.

728583
دائېش بىر رۇس جاسۇسنى ئۆلتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇس جاسۇسى بوغۇزلانغان 12 مىنۇتلۇق رۇسچە ۋىدېئو، رۇسىيە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلەۋاتقان غەلىبە كۈنىدە ئېلان قىلىندى. سۈرىيەدە سۈرەتكە ئېلىنغان قورقۇنچلۇق ۋىدېئودا، يەنە ئۈچ ئەسىرنىڭ رۇسچە سۆزلەشكەنلىكى ئاڭلاندى.

دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تەشۋىقات ۋىدېئولىرىنى تارقاتقان بولۇپ، ئۇنىڭدا بەزى رۇس ئەسكەرلىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە دائىر كۆرۈنۈشلەرگە ئورۇن بەرگەنىدى.

موسكۋا دائىرىلىرى ھازىرغىچە مەزكۇر ۋىدېئو توغرىسىدا بايانات بەرمىدى. رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇنىڭدىن ئىلگىرى بايانات بېرىپ، 2015 – يىلى سېنتەبىر ئېيىدىن بۇيان ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان سۈرىيەدە 30 دەك ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.

رۇسىيە، تۈركىيە ۋە ئىران بىلەن ئۆتكەن ھەپتە توقۇنۇشماسلىق كېلىشىمى ئىمزالىغانىدى.

دەمەشق ھاكىمىيىتىنى قوللاپ كېلىۋاتقان موسكۋا، دېكابىر ئېيىدىمۇ ھەلەب ئاھالىسىنى تارقاقلاشتۇرۇش جەريانىدىمۇ تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلغانىدى.

دائېش نۆۋەتتە ئىراقنىڭ مۇسۇل، سۈرىيەنىڭ مەركىزىي راققە شەھىرىدە مۇھاسىرە ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. تەشكىلاتنىڭ غەربتىكى ئەڭ چوڭ مەركىزى ئەلباب بولسا، تۈركىيەنىڭ فىرات قالقىنى ھەرىكىتى نەتىجىسىدە 23 – فېۋرالدا قايتۇرۇۋېلىنغانىدى.

دائېش ئۆتكەن يىلى كونتروللۇقىدىكى زېمىنلارنىڭ تۆتتىن بىرىنى قولدىن بېرىپ قويدى. 2014 – يىلىدىن بۇيان ئىراقتا %65 جاينى قولدىن بەردى.

ئىراقنىڭ فەللۇجە ۋە لىۋىيەنىڭ سىرتە دېگەندەك شەھەرلىرىدىن تازىلانغان قانلىق تەشكىلات، مۇسۇلنى قولدىن بېرىپ قويغان تەقدىردە، پەقەت راققەگىلا قاپسىلىپ قالىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر