تايلاند قوش پۇقرالىق سالاھىيىتى بار بىر كىشىنى تېررورلۇق تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

تايلاندتا ئامېرىكا-تايلاند قوش پۇقرالىق سالاھىيىتىگە ئىگە بىر كىشى تېررورلۇق گۇماندارى ۋە ئىقتىساد بىلەن تەمىنلىگۈچىسى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.

728144
تايلاند قوش پۇقرالىق سالاھىيىتى بار بىر كىشىنى تېررورلۇق تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تايلاند مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئۇدومدېج سىتابۇتر ئامېرىكا-تايلاند قوش پۇقرالىق سالاھىيىتى بار ئانېك سانفران دەپمۇ ئاتىلىدىغان مانۇن چايچانانىڭ 2015-يىلى باڭكوك جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى قىلىنغان بومبا ھۇجۇمىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى كىشى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، تېررورلۇق گۇماندارى ۋە ئىقتىساد بىلەن تەمىنلىگۈچىسى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇدومدېج تايلاند ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ، ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتىدا تايلاند زەجىرسىمان رېستورانىنىڭ خوجايىنى مانۇننىڭ تۇتۇلۇپ، قايتۇرۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن كېرەكلىك رەسمىيەتلەرنىڭ باشلانغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

تايلاند خەۋپسىزلىك دائىرىلىرىمۇ مانۇننىڭ 2015-يىلىدىكى بومبا ھۇجۇمى ۋە دۆلەت ئىچىدە يۈزبەرگەن باشقا ھۇجۇملارنىڭ ئىقتىساد بىلەن تەمىنلىگۈچىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر