شىمالىي كورېيە:«CIA» كىم جوڭ ئۇنغا سۇيىقەست قىلدى

شىمالىي كورېيە كىم جوڭ ئۇنغا سۇيىقەست قىلىش پىلانىنىڭ تېخى يېقىندىلا پاش بولغانلىقىنى ۋە شىمالىي كورېيەنىڭمۇ ئامېرىكىغا تېگىشلىك جاۋاپ قايتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

726906
شىمالىي كورېيە:«CIA» كىم جوڭ ئۇنغا سۇيىقەست قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا بىلەن شىمالىي كورېيە ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىك تازىمۇ ئەۋجىگە چىققان بىر مەزگىلدە شىمالىي كورېيە غەلىتە بىر ئەھۋالنى ئىلگىرى سۈردى.

شىمالىي كورېيەنىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى، ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى «CIA»نىڭ كىم جوڭ ئۇنغا سۇيىقەست پىلانلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

شىمالىي كورېيە بىخەتەرلىك ئىشلىرى مىنىستىرلىقى مەنبە كۆرسىتىلگەن خەۋەردە، سۇيىقەست ئۈچۈن بىر شىمالىي كورېيە پۇقراسىغا پۇل ۋە ئالاقىلىشىش ئۈسكىنىسى بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەردە يەنە، 6 ئايدىن 12 ئايغىچە تەسىرىنى كۆرسىتىدىغان بىئوخىمىيەلىك زەھەر ئارقىلىق شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭ ئۇننى ئۇ قاتناشقان بىرەر مۇراسىمدا زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈشنىڭمۇ پىلانلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

بۇ سۇيىقەست پىلانىنىڭ تېخى يېقىندىلا پاش بولغانلىقى ۋە مەغلۇپ قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى ھەمدە شىمالىي كورېيەنىڭمۇ بۇنىڭغا تېگىشلىك جاۋاپ قايتۇرىدىغانلىقى تەكىتلەندى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر