ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ يالغان – ياۋىداقلىرى پاش بولدى
ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ تۈركىيە دوكلاتچىسى كاتى پىرىنىڭ يالغان - ياۋىداقلىرى ئوتتۇرىغا چىقتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ تۈركىيە دوكلاتچىسى كاتى پىرىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى تېررورچىلارنى ئادەتتىكى پۇقرادەك كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇشلىرى نەتىجىسىز قالدى.
تۈركىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك ۋە ئاخبارات ئورگىنى كاتى پىرىنىڭ «ئادەتتىكى پۇقرا» دەپ تېررورچىلارنى ئاقلاش پىلانىنى دەلىل - پاكىتلار بىلەن بۇزۇپ تاشلىدى.
دۆلەت خەۋپسىزلىك ۋە ئاخبارات ئورگىنىنىڭ دوكلاتىدا كاتى پىرىنىڭ «ئادەتتىكى پۇقرا» دەپ خەلق ئاممىسىنى ئالدىماقچى بولۇشتەك يالغان – ياۋىداقلىرى پاش بولدى. مەزكۇر تېررورچىلارنىڭ تۈركىيەدە پ ك ك نىڭ ۋە سۈرىيە بىلەن ئىراقتا پ ي د ۋە ي پ گ نىڭ مەخپىي ئىسىملىرىنى ئىشلىتىدىغانلىقى پاش قىلىندى.
ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ تۈركىيە دوكلاتچىسى كاتى پىرى ئادەتتىكى پۇقرا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن تېررورچىلارنىڭ نۇرغۇنلىغان قانلىق ۋەقەلەرنى تۇغدۇرغانلىقى، كاتى پىرىنىڭ بولسا، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئاتالمىش كاتتىباشلىرىنى مەدھىيەلەپ يۈرگەنلىكى ئاشكارىلاندى.