ئامېرىكا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ گۇماشتىسى پ ي د غا قورال - ياراغ بەرمەكتە

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  پ ك ك نىڭ سۈرىدىكى گۇماشتىسى پ ي د نىڭ قوراللىق قانىتى ي پ گ گە قورال - ياراغ ياردەم بەرمەكتە.

726470
ئامېرىكا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ گۇماشتىسى پ ي د غا قورال - ياراغ بەرمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان پ ي د / پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىغا 48 ئاپتوموبىل ۋە 250 ئەسكەر ئەۋەتتى.

تۈنۈگۈن سۈرىيە – ئىراق چېگراسىدىكى سەمالكا چېگرا ئېغىزىدىن ئۆتكەن ئامېرىكا ھەربىي ئاپتوموبىل ئەترىتى ھاسەكەنىڭ شەرقىدىكى مالىكىيەگە يېتىپ باردى.

تۈركىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ قاراچوق رايونىدىكى پ ك ك نىشانلىرىغا ھۇجۇم قىلىشىدىن كېيىنلا تېررورلۇق تەشكىلاتىغا 22 يۈك ئاپتوموبىللىق قورال – ياراغ، ئوق - دورا ۋە باشقا لازىمەتلىكلەرنى ياردەم قىلغان ئامېرىكىنىڭ، تۈركىيەنىڭ چېگرا ھالقىغان خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەرىكىتىدىن كېيىنلا پ ي د / پ ك ك غا قىلىۋاتقان ياردەملىرىنى كۆپەيتىشى دىققەت قوزغىماقتا.

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە قاراچوق ۋە ئىراقنىڭ سىنجار رايونىدىكى پ ك ك نىشانلىرىغا زەربە بېرىشىدىن كېيىن، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ چېگرا لىنىيەسىدىكى تۈركىيە قىسىملىرىغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئامېرىكىنىڭ TOW  ناملىق راكېتامىيۇتلارنى ئىشلەتكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىققانىدى.

ئالدىنقى ئايلاردا ئامېرىكا تېررورلۇق تەشكىلاتىغا گراناتاميوت، 80 ۋە 120 مىللىمېتىرلىق زەمبىرەك، MK19 تىپلىق قول بومبىسى، M16  تىپلىق پىيادە ئەسكەرلەر مىلتىقى، Humwee  تىپلىق ھەربىي ئاپتوموبىللار ۋە Cougar  تىپلىق  بىرونېۋىكلارنى بەرگەنىدى.

تۈركىيە كۆپ قېتىم سېتىۋېلىشنى تەلەپ قىلغان بولۇشىغا قارىماي تۈركىيەگە سېتىپ بېرىشنى خالىمىغان ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتىغا FGM-148 Javelin  تىپلىق تانكىغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ياردەم قىلىشىمۇ دىققەت بىلەن كۆزىتىلمەكتە.

پ ي د / پ ك ك سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىي چېگراسىدا تېررور كارىدورى شەكىللەندۈرۈشنى نىشان قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر