دائېش بىلەن ئىراق ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش بىر مەكتەپنى قانغا بويىدى

ئىراقنىڭ مۇسۇل شەھىرىنىڭ غەربىدىكى بىر مەكتەپكە قىلىنغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدا 81 كىشى قازا قىلدى.

726299
دائېش بىلەن ئىراق ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش بىر مەكتەپنى قانغا بويىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق جامائەت خەۋپسىزلىكى مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ كونتروللۇقىدىكى 17 – ئىيۇل رايونىغا جايلاشقان ئەلۋەلا مەكتىپىنى نىشان قىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدا مەكتەپتە پاناھلىنىۋاتقانلاردىن 34 ئەر، 29 ئايال، 18 بالا بولۇپ، جەمئىي 81 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان بولۇپ، دائېش بىلەن ئىراق قوراللىق كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇش سەۋەبىدىن پۇقرالار پاناھلىنىۋاتقان مەكتەپنىڭ قايسى كۈچ تەرىپىدىن بومبىلانغانلىقى تېخىچە ئېنىق ئەمەس ئىكەن.

يەنە بىر تەرەپتىن، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ئەترىتىنىڭ باشلىقى ئەلى بەھادىلى ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، ئەترەتكە قاراشلىق كۈچلەرنىڭ ئەننەججار مەھەللىسى ئەتراپىدا ئېلىپ بارغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدا دائېشنىڭ ئۇرۇش ئىشلىرى مەسئۇلى ھەبىب ئابدۇلجەببارنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر