ئىسىرائىلىيە بىلەن رۇسىيە سۈرىيە مەسىلىسىدە ئۆزئارا ماسلاشقان

ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى بىنيامىن نېتانياھۇ سۈرىيەدىكى ھەربىي ھەرىكەتلەر ئۈستىدە توختىلىپ، رۇسىيە بىلەن ماسلىشىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

725650
ئىسىرائىلىيە بىلەن رۇسىيە سۈرىيە مەسىلىسىدە ئۆزئارا ماسلاشقان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇ ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسى بىلەن رۇسىيە ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدا ھەر قانداق شەكىلدىكى يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە كوردىناتسىيە مېخانىزمىنىڭ تەسىس قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن مارت ئېيىدا كۆرۈشكەندە سۈرىيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقلىرىنى خاتىرىلىتىپ، پۇتىنغا: «بىز سۈرىيەنى ۋاستە قىلىش ئارقىلىق ئىراندىن ھىزبۇللاھقا خەتەرلىك قوراللارنىڭ يەتكۈزۈپ بېرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز. بۇنىڭغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈش توغرىسىدا ئارمىيەگە داۋاملىق يوليورۇق بېرىمەن» دېگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ: «پۇتىنغا ئالدىمزىدا ئىككى تاللاش يولى بار، يا ئىككى ئارمىيە ئوتتۇرىسىدا كوردىناتسىيە قۇرۇلىدۇ ياكى توقۇنۇشىمىز، بىز توقۇنۇش يولىنى تاللىمايمىز، دېدىم» دېدى.

نېتانياھۇ مارت ئېيىدا رۇسىيە پايتەختى موسكۋادا پىرېزىدېنت پۇتىن بىلەن كۆرۈشكەندە، ئوتتۇرا شەرقنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، سۈرىيە كىرىزىسى، تېررورلۇققا قارشى كۈرەش ۋە ئىسىرائىلىيە-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر