«تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى پۈتۈنلەي نورماللاشتى»

رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ پۈتۈنلەي نورماللاشقانلىقىنى ئېيتتى.

725146
«تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى پۈتۈنلەي نورماللاشتى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن پىرېزىدېنت پۇتىن سوچىدىكى دۆلەت سارىيىدا ئايرىم كۆرۈشۈشتىن بۇرۇن قوشما بايانات ئېلان قىلدى.

ئەردوغان سۆزىنى مۇنداق باشلىدى: «قارادېڭىزنىڭ بىر تەرىپىدىن، يەنە بىر تەرىپىگە كېلىش ئارقىلىق بۇ ئۇچرىشىشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقى ئۈچۈن قىممەتلىك دوستۇمىزغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن، بولۇپمۇ بۇ تەكلىپىدىن ئىنتايىن مىننەتدارمەن.»

ئۇچرىشىشلاردا ھەم رۇسىيە – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى ھەم رايونلۇق مەسىلىلەر ھەققىدە تەپسىلىي مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، «زىممىمىزگە ناھايتى مۇھىم مەسئۇلىيەتلەر يەكلەنگەن بىر دەۋرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىمىز، ئىشىنىمەنكى، رۇسىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ بۇ يەردە تاشلايدىغان قەدەملىرى رايوننىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىدۇ» دېدى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تەكلىپىمىزنى رەت قىلماي كەلگەنلىكىڭىز ئۈچۈن سىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. مۇناسىۋەتلىرىمىز دەل كېلىشكىنىمىز بويىچە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا داۋاملاشماقتا. خىزمەت مۇھىتى ئاستىدا بىر يەرگە جەم بولغان بۇ ئۇچرىشىشتا، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى، سۈرىيە كىرىزىسى ۋە كۈندىلىك مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىم ئۈچۈن ئىنتايىن خۇرسەنمەن. تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىمىز پۈتۈنلەي نورماللىشىش باسقۇچىنى تاماملىغاندىن كېيىن، جۇمھۇر رەئىس ئالىيلىرى سىز بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇچرىشىشلىرىمىزنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەنلىكى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاندى. رۇسىيەگە زىيارەتكە كەلگەنلىكىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.»

تۈركىيەدە 16 – ئاپرېل كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن رېفېراندۇمدىكى غەلىبىسى تۈپەيلى جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننى تەبرىكلىگەن پۇتىن، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «تۈركىيەدىكى ئىچكى سىياسەت ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىنىشى تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، سىز بىلەن بىرلىكتە چىقىرىدىغان قارارلىرىمىزنىڭ كۆپ قىسمى ئىستىراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن پارلامېنتلىرىمىزنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشىگە توغرا كېلىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر