تېكساستا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى
ئامېرىكىنىڭ تېكساس ئىشتاتىدىكى بىر ئالىي مەكتەپتە مەيدانغا كەلگەن قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە ئىككى ئادەم ئۆلدى.
725679
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەكتەپنىڭ باغچىسىغا كىرگەن ھۇجۇمچىنىڭ بىر ئايالغا ئۈچ پاي ئوق چىقىرىشىدىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئىشچى – خىزمەتچىلەر سىنىپلىرىغا كىرىپ ئىشىكلىرىنى تاقاپ، ساقچىلارنىڭ يېتىپ كېلىشىنى كۈتتى. ساقچىلار كېلىپ، سىنىپلارغا كىرىۋالغانلارنى چىقاردى ۋە مەكتەپ تەۋەلىكىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى.
ساقچى باياناتچىسى، مەزكۇر ئايالنى ئېتىۋەتكەن ھۇجۇمچىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقىنى بىلدۈردى.