CİA باشلىقى ئىككى كورېيە چېگراسىغا يېقىن بىر ئارالدا زىيارەتتە بولدى

ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى – CİA باشلىقى مايك پومپېئو، جەنۇبىي كورېيە بىلەن شىمالىي كورېيە ئارىسىدىكى چېگراغا يېقىن يەردىكى بىر ئارالنى زىيارەت قىلدى.

724920
CİA باشلىقى ئىككى كورېيە چېگراسىغا يېقىن بىر ئارالدا زىيارەتتە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ كورېيەدە تۇرۇشلۇق قىسىملىرى بايانات بېرىپ، CİA باشلىقى مايك پومپېئونىڭ كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ئىككى كورېيە چېگرا سىزىقى دېڭىزدىن كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان جەنۇبىي كورېيەنىڭ يېئونپيېئوڭ ئارىلىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى. باياناتتا، مايك پومپېئونىڭ زىيارىتى جەريانىدا، «بۇ كونا شۇنداقلا مۇمكىنچىلىك دائىرىسىدىكى توقۇنۇش رايونىدىن قاراپ، شىمالىي كورېيەنىڭ جەنۇبىي كورېيەگە سېلىۋاتقان تەھدىتىنى بىۋاسىتە مۇھاكىمە قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكى» نى ئېيتقانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىلدى.

زىيارەت جەريانىدا پومپېئوغا ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي كورېيەدە تۇرۇشلۇق قىسىملىرى قوماندانى گېنېرال ۋىنسېنت ك.برۇكس، جەنۇبىي كورېيە – ئامېرىكا بىرلەشمە قىسىملىرىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى گېنېرال لېيم خو-يۇڭ ۋە ئامېرىكىنىڭ سېئۇلدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدا تۇرۇشلۇق دىپلومات مارك كناپپېرنىڭ ھەمراھ بولغانلىقى، پومپېئونىڭ يەنە شەنبە كۈنى باشلانغان مەزكۇر زىيارىتى دائىرىسىدە جەنۇبىي كورېيەلىك مەنسەپدېشى، دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ دىرېكتورى لىي بيېئوڭ بىلەن خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى توغرىسىدا ئەتراپلىق كېڭىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكى قەيت قىلىندى.

CİA باشلىقى مايك پومپېئودىن ئىلگىرى تەرتىپى بويىچە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون، مۇداپىئە مىنىستىرى جېيمس ماتتىس ۋە مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنس قاتارلىقلار جەنۇبىي كورېيەدە زىيارەتتە بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر