ئالاقىدار رەھبەرلەر قىبرىس مۇزاكىرىلىرى ئۈچۈن ئۇچراشتى
شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى مۇستافا ئاكىنجى بىلەن قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتى رەھبىرى نىكوس ئاناستاسىيادىس قىبرىس مۇزاكىرىلىرى ئۈچۈن ئۇچراشتى.
![ئالاقىدار رەھبەرلەر قىبرىس مۇزاكىرىلىرى ئۈچۈن ئۇچراشتى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/de88/ddfd/12dc/58d8cea732ed6.jpg?time=1719189454)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىبرىس مەسىلىسىنى ھەل قىلىش مۇزاكىرىلىرى داۋاملاشماقتا.
شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى مۇستافا ئاكىنجى قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتى رەھبىرى نىكوس ئاناستاسىيادىس بىلەن كۆرۈشتى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نازارىتىدىكى بىتەرەپ رايوندا ئىككى رەھبەر سائەت 10:00دا ئۇچراشتى.
كۆرۈشۈشكە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ قىبرىس ئالاھىدە مەسلىھەتچىسى ئېسپېن بارتس ئېيدىدىن سىرت، ئىككى تەرەپنىڭ مۇزاكىرە ھەيئەتلىرىمۇ قاتناشتى.
كۆرۈشۈشتە ئىككى تەرەپ بىردەكلىك ھاسىل قىلالمىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە كېڭەش ئۆتكۈزۈش كۈتۈلمەكتە.
كۆرۈشۈشتە بىردەكلىك ھاسىل قىلىشنى بىلدۈرۈشكەن رەھبەرلەر ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى توختاپ قالغان مۇزاكىرىلەرنىڭ سۈرئىتىنى تېزلەشتۈرۈش ئۈچۈن كۈچ سەرپ قىلماقتا.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/3cc3/db28/e5e7/571459f87d3d8.jpg?time=1719189455)
لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ
لىۋان ھىزبۇللاھى ئىسىرائىلىيە ھۇجۇم قىلسا «پۇشايمان» قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.