ۋېنگىرىيەدە مىڭلىغان كىشى رۇسىيەگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

نامايىشچىلار قوللىرىدا ۋېنگىرىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بايراقلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ، «رۇسلار ئۆيلىرىگە قايتىپ كەتسۇن!»، «مۇستەملىكە بولمايمىز»، «قەتئىي ۋاز كەچمەيمىز!» دېگەن شوئارلارنى توۋلاشتى.

724139
ۋېنگىرىيەدە مىڭلىغان كىشى رۇسىيەگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنگىرىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنى قوللاش نامايىشىغا مىڭلىغان كىشى قاتناشتى

ۋېنگىرىيەنىڭ رۇسىيە بىلەن ئەمەس، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تېخىمۇ كۈچلۈك مۇناسىۋەت ئورنىتىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان «Momentum» پارتىيەسىنىڭ نامايىشىدا نامايىشچىلار ئەركىنلىكنى تەلەپ قىلدى.

پايتەخت بۇداپېشتنىڭ سېمۋول خاراكېترلىك مەيدانلىرىدىن «ھۆسۆك تەرە مەيدانى»دا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا «Momentum» پارتىيەسى رەئىسى ئاندراش فەكەتە گىيۆر نۇتۇق سۆزلىدى. ۋېنگىرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رۇسىيەگە يان باسىدىغان سىياسەتلەرنى تۇتۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ۋېنگىرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ «بىريۇسسېل تورمۇزلىنىشى لازىم!» دېگەن شوئار بىلەن سەپەرۋەرەلىك باشلىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «بىز بىريۇسسېلنى تورمۇزلىمايمىز، دەل ئەكسىچە بىريۇسسېلگە يېتىشىشكە يۈگرەيمىز» دېدى. 

نامايىشچىلار قوللىرىدا ۋېنگىرىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بايراقلىرىنى كۆتۈرۈپ، «رۇسلار ئۆيلىرىگە قايتىپ كەتسۇن!»، «مۇستەملىكە بولمايمىز»، «قەتئىي ۋاز كەچمەيمىز!»دېگەن شوئارلارنى توۋلاشتى.

نامايىشچىلار ئۆتىدىغان يولغا جايلاشقان رۇسىيە ئەلچىخانىسى ئالدىدا ساقچىلار كەڭ - كۆلەملىك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى يولغا قويدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر