خەلقئارالىق قىسىمنىڭ ھۇجۇملىرىدا نۇرغۇن پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان

ئىراق بىلەن سۈرىيەدە دائېشقا قارشى خەلقئارالىق بىرلەشمە قىسىمنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىدا نۇرغۇنلىغان بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

723436
خەلقئارالىق قىسىمنىڭ ھۇجۇملىرىدا نۇرغۇن پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئارمىيەسى مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى (CENTCOM) تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى خەلقئارا بىرلەشمە قىسىمنىڭ ئىراق بىلەن سۈرىيەدىكى ھاۋا ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان پۇقرالارنىڭ سانىغا مۇناسىۋەتلىك دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.

دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى خەلقئارالىق بىرلەشمە قىسىم ۋەزىپە ئىجرا قىلغان 2014-يىلى ئاۋغۇست ئېيىدىن 2017-يىلى مارت ئېيىغىچە «خاتالىق» تۈپەيلىدىن 396 بىگۇناھ پۇقرانىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان.

مۇستەقىل مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دائېشقا قارشى خەلقئارالىق بىرلەشمە قىسىمنىڭ ئىراق بىلەن سۈرىيەدىكى ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 3 مىڭدىن ئېشىپ كېتىدىكەن.

يەرلىك مەنبەلەر ۋە خەلقئارالىق بىرلەشمە قىسىمنىڭ ھۇجۇملىرىنى يېقىندىن كۆزەتكەن بەزى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارمۇ، خەلقئارالىق بىرلەشمە قىسىمنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىدا نۇرغۇنلىغان بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر