تالىبان بىلەن دائېش ئارىسىدا شىددەتلىك توقۇنۇش يۈز بەردى
ئافغانىستاننىڭ شىمالىغا جايلاشقان جۈزجان ۋىلايىتىنىڭ دەرزاب ناھىيەسىدە دائېش بىلەن تالىبان قوراللىقلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز
![تالىبان بىلەن دائېش ئارىسىدا شىددەتلىك توقۇنۇش يۈز بەردى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/a8d3/f0c6/b434/5901a82129c16.jpg?time=1719176332)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ شىمالىغا جايلاشقان جۈزجان ۋىلايىتىنىڭ دەرزاب ناھىيەسىدە دائېش بىلەن تالىبان قوراللىقلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، تالىباننىڭ 76، دائېشنىڭ 15 ئەزاسى ئۆلدى.
جۈزجان ۋالىيلىق مەھكىمىسى باياناتچىسى مۇھەممەد رىزا غەفۇرى، دەرزابنىڭ ئاقساي، كۆمۈرلۈك ۋە ھەق شاھىدان رايونلىرىدا دائېش بىلەن تالىبان ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى؛ توقۇنۇشتا، تالىباننىڭ 76 ئەزاسىنىڭ ئۆلۈپ، 57 ئەزاسىنىڭ يارىلانغانلىقىنى، دائېشنىڭ بولسا، 15 ئەزاسىنىڭ ئۆلۈپ، 12 ئەزاسىنىڭ يارىلانغانلىقىنى قەيت قىلدى.
غەفۇرى، توقۇنۇشنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ئارىسىدا كۆرۈلگەن زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى توغرىسىدىكى كېلىشەلمەسلىك سەۋەبىدىن چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/3cc3/db28/e5e7/571459f87d3d8.jpg?time=1719176333)
لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ
لىۋان ھىزبۇللاھى ئىسىرائىلىيە ھۇجۇم قىلسا «پۇشايمان» قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.