خىتاي دىنىي ئەركىنلىكتە ئالاھىدە كۆزىتىلىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن

ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ دوكلاتىدا، خىتاينىڭ 2017-يىلىمۇ دىنىي ئەركىنلىكتە ئالاھىدە كۆزىتىلىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

721515
خىتاي دىنىي ئەركىنلىكتە ئالاھىدە كۆزىتىلىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى (USCIRF) 26-ئاپرېل دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ 2017-يىللىق دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىنىڭ ئىزچىل ناچارلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينى بۇ يىلمۇ دىنىي ئەركىنلىكتە ئالاھىدە كۆزىتىلىدىغان دۆلەتلەر قاتارىغا تىزغان.

ئامېرىكا ئاۋازى تور بېتىنىڭ بۈگۈن (27-ئاپرېل) ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، 1999-يىلدىن بۇيان خىتاي، بىرما، ئىران ۋە سۇدان قاتارلىق دۆلەتلەر ئىزچىل ھالدا «دىنىي ئەركىنلىكتە ئالاھىدە كۆزىتىلىدىغان دۆلەتلەر» تىزىملىكىنىڭ ئالدىنقى رىتىنى قولدىن بەرمەي كەلگەن.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك قانۇن لايىھەسىگە ئاساسلانغاندا، ئەگەر بىر دۆلەت دىنىي ئەركىنلىككە سىستېمىلىق ھالدا تاجاۋۇز قىلسا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇ دۆلەتنى «دىنىي ئەركىنلىكتە ئالاھىدە كۆزىتىلىدىغان دۆلەتلەر» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش ھوقۇقى بولىدىكەن.

ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ دوكلاتىدا، 2016-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتكە تەھدىت پەيدا قىلىدۇ، دەپ قارالغان كىشىلەرنى قاتتىق باستۇرغانلىقى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ ئىچىدە دىنغا ئېتقاد قىلىدىغان ئامما ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنىڭ بارلىقى ئەسكەرتىلدى.

دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2016-يىلى ھەر دائىم دىننىي جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى تەكىتلىگەن ۋە تۈزىتىلگەن دىننى باشقۇرۇش بەلگىلىمىلىرىنى تارقىتىپ، «قانۇنسىز» دەپ قارالغان دىنىي پائالىيەتلەرنى قاتتىق باستۇرغان. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئائىلە خىرىستىيان جەمئىيەتلىرىنى باستۇرۇشنىمۇ كۈچەيتكەن. خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2016-يىلى ئېچىلغان مەملىكەتلىك دىنىي خىزمەتلەر يىغىنىدا، دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى، چېگرا سىرتىدىكىلەرنىڭ سوقۇنۇپ كىرىپ، دىننى كونترول قىلىۋېلىشىغا قارشى تۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە، 2016-يىلدىن 2020-يىلغىچە كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەت لايىھەسىنى ئېلان قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىكىنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتكەن.

دوكلاتتا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىگە ئالاقىدار مەزمۇنلارغىمۇ ئورۇن ئاجرىتىلغان بولۇپ، مۇنۇلار قەيت قىلىدى:

«خىتاي ھۆكۈمىتى 2016-يىلى ئاشقۇن دىنىي ھەرىكەتلەرگە زەربە بېرىشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى ئىزچىل قاتتىق باستۇردى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى ئاشقۇنلۇققا زەربە بېرىش ئۈچۈن يېڭىدىن تېررورلۇققا قارشى بەلگىلىمە چىقىرىپ، ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ روزا تۇتۇشىنى، ھېيت نامازلىرىنى ئوقۇشىنى، ھەتتا بەزى جايلاردا رامىزان مەزگىلىدە ئىبادەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشنى چەكلىگەن.

يېڭى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر رايونىدا ئۆيدە ناماز ئوقۇش، دىنىي ماتېرىياللارنى ساقلاش قانۇنسىزلىق ھېسابلانغان. يەرلىك دائىرىلەر يەنە، ئوقۇغۇچىلاردىن ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئۆيدە ناماز ئوقۇپ-ئوقۇمايدىغانلىقىنى سورىغان. 2016-يىلى 11-ئايدا ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى مەسجىدكە ئاپىرىپ ناماز ئوقۇتۇشى چەكلەنگەن. دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ جەزمەن مەسجىدكە تىزىملىتىپ كىرىشى بەلگىلەنگەن. 2016-يىلى ئۇيغۇر رايونىدا ئاممىنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان سالىدىغانلىقى سەۋەب قىلىنىپ، <بىر قانچە مىڭ> مەسجىد چېقىپ تاشلانغان.»

ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ دوكلاتىدا، تىبەت رايونىدىكى دىنىي ۋەزىيەتنىڭمۇ ئوخشاش ئەھۋالدا ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر