ئىسرائىلىيە سوت مەھكىمىسى 17 ياشلىق قىزغا 10 يىللىق قاماق جازاسى بەردى

​​​​​​​17 ياشلىق مەلەك سەلمان ئىسىملىق پەلەستىنلىك ئۆسمۈر قىز ئەسلىدە 2016 – يىلى قۇددۇستىكى تارىخىي قەدىمىي شەھەر رايونىدا يېنىدا پىچاق ئېلىپ يۈرۈش بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان ئىدى.

721095
ئىسرائىلىيە سوت مەھكىمىسى 17 ياشلىق قىزغا 10 يىللىق قاماق جازاسى بەردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قۇددۇس مەركىزىي سوت مەھكىمىسى پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 17 ياشلىق پەلەستىنلىك ئۆسمۈر قىزنى 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى. 

قۇددۇس ئەسىر ئائىلىلەر كومىتېتى باشلىقى ئەمجىد ئەبۇ ئاساب ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا «قۇددۇستىكى ئىسرائىلىيە سوت مەھكىمىسى 17 ياشلىق مەلەك سەلمان ئىسىملىق قىزنى پىچاق كۆتۈرۈپ يۈرۈش ۋە جىنايەتكە ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلەپ، 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى» دېدى. 

باياناتتا پەلەستىنلىك مەلەك سەلمان ناملىق قىزنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇسنىڭ بەيت سافافا رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق ئىكەنلىكى، 2016 – يىلى ئەسلىدە قۇددۇستىكى تارىخىي قەدىمىي شەھەر رايونىدا يېنىدا پىچاق ئېلىپ يۈرۈش بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئىسرائىلىيەگە قاراشلىق قۇددۇس مەركىزىي سوت مەھكىمىسى ئالدىنقى ئايدىمۇ پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ يەنە بىر پەلەستىنلىك ئۆسمۈرگە قاماق جازاسى بەرگەن ئىدى.  

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر