بېيجىڭ ۋاشىنگتوننى ئەڭ ئىلغار ھاۋا مۇداپىئەسى سىستېمىسىنى قايتۇرۇپ كېتىشكە چاقىردى

خىتاي ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي كورېيەنى ئەڭ ئىلغار باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسى - يۇقىرى بوشلۇق ھاۋا مۇداپىئەسى سىستېمىسىنى رايوندىن قايتۇرۇپ كېتىشكە چاقىردى.

721033
بېيجىڭ ۋاشىنگتوننى ئەڭ ئىلغار ھاۋا مۇداپىئەسى سىستېمىسىنى قايتۇرۇپ كېتىشكە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ پايتەخت بېيجىڭدا ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، جەنۇبىي كورېيەگە ئەڭ ئىلغار باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسى - يۇقىرى بوشلۇق ھاۋا مۇداپىئەسى سىستېمىسى (THAAD) ئورنىتىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

سېئۇل ۋە ۋاشىنگتون ھۆكۈمەتلىرىگە بۇ ھەقتىكى ئەندىشىلىرىنى يەتكۈزگەنلىكلىرىنى ئەسكەرتكەن گېڭ شۇاڭ، جەنۇبىي كورېيەگە THAAD ئورنىتىلىشىنىڭ رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى ھەمدە ئىستىراتېگىيەلىك تەڭپۇڭلۇققا زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى، شۇنداقلا بۇنىڭ كورېيە يېرىم ئارىلى مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى ۋە شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قوراللىرىنى يوق قىلىش مەسىلىسىنىڭ سۆھبەت ھەم دىيالوگ ئارقىلىق مۇزاكىرە قىلىنىشىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە، خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك مەنپەئەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان مەزكۇر سىستېمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىغا قارشى كېرەكلىك تەدبىرلەرنى ئالىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر