نىيۇ يوركتا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى 5 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نىيۇ يورك شەھىرىدىكى كۋىنز رايونىدا ئىككى قەۋەتلىك بىر ئۆيگە ئوت كېتىپ، 3 بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 5 كىشى قازا قىلدى.

719534
نىيۇ يوركتا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى 5 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىنىڭ مەسئۇلى دانىئېل نىگرونىڭ ئېيىتىشىچە، بالىلارنىڭ ئەڭ كىچىكى 2 ياشلىق بولۇپ، ئوت ئاپىتىدە بەزى ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىمۇ يارىلانغان.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، شاھىتلار پارتلاش ئاۋازىنى ئاڭلىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما نەق مەيداندىكى پاكىتلاردىن قارىغاندا ئوت ئاپىتىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا پارتلاش سەۋەب بولمىغان.

ئۆينىڭ دەرىزىسىدىن سەكرىگە 46 ياشلىق بىر ئادەم قۇتۇلۇپ قالغان بولۇپ، ياغاچ رىشاتكىلار ئوتنىڭ تېز ئۇلغىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، شۇڭا ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى نەق مەيدانغا يېتىپ بارغاندا، ئۆي تامامەن ئوت يالقۇنى ئىچىدە قالغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر