چوڭ كۈچلەرنىڭ قوراللىنىش رىقابىتى قايتىدىن ئەۋج ئالدى
ستوكھولم خەلقئارا تىنچلىق تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى، دۇنيا مىقياسىدا قوراللىنىشقا ئاجرىتىلغان خامچوتنىڭ ئېشىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ستوكھولم خەلقئارا تىنچلىق تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى، دۇنيا ئەللىرىنىڭ قوراللىنىش سەرپىياتىنىڭ 2011 – يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم قايتىدىن ئېىشىش ھاسىل قىلغانلىقىنى، ئۆتكەن يىلى دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ قوراللىنىشقا ئاجراتقان مەبلىغىنىڭ جەمئىي 1 تىرىليون 686 مىليارد دوللارغا يەتكەنلىكىنى، بۇ ساننىڭ 2015 – يىلىغا سېلىشتۇرغاندا، %0.4 ئارتۇق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بولۇپمۇ ھەربىي جەھەتتە ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ قوراللىنىش راسخۇتىدىكى ئېشىش دىققەتنى تارتتى. سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئوخشاش بەزى ئەللەر قوراللىنىش راسخوتىنى قىسقارتتى؛ بىراق ئۇلار سىياسىي سەۋەبلەردىن ئەمەس، نېفىت باھاسىدىكى تۆۋەنلەش پەيدا قىلغان ئىقتىسادىي سەۋەبلەر يۈزىسىدىن شۇنداق قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالدى.
گېرمانىيەنىڭ بون شەھىرىدىكى خەلقئارا قورالسىزلىنىش مەركىزىنىڭ سىياسەتشۇناسى مارىئۇس بالېسنىڭ قارىشىچە، رۇسىيەنىڭ قىرىمنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىشى، جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى جىددىيچىلىك، ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۇرۇشلار قوراللىق توقۇنۇشلارنىڭ تېخىمۇ ئۇلغىيىپ كېتىش ئەندىشىسىنى ئۇلغايتقان.
يەنە بىر تەرەپتىن، دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارالىق ئورگان ۋە ئىنستىتۇتلارغا بولغان ئىشەنچىسى بارغانچە ئاجىزلاپ، پەقەت ئۆزىگىلا ئىشىنىدىغان ھالەت شەكىللەنگەن؛ بۇ ئەھۋال مىللىي ئارمىيەلەرنىڭ ئەھمىيىتى ئاشۇرۇپ، قوراللىنىش سەرپىياتىنىڭ ئېشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
بۇ ئەھۋال نۆۋەتتىكى ھەربىي جەھەتتە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئەللەر ئۈچۈنمۇ ئوخشاش كۈچكە ئىگە ئىكەن. مەسىلەن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى قوراللىنىش سەرپىياتىنى %1.7 ئاشۇرۇپ، 611 مىليارد دوللارغا؛ رۇسىيە %5.99 ئاشۇرۇپ 69 مىليارد 200 مىليون دوللارغا؛ خىتاي %5.4 ئاشۇرۇپ 215 مىليارد دوللارغا يەتكۈزگەن.