ئىسرائىلىيە سۈرىيەگە ھۇجۇم قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەدىكى بەزى بازىلارنى بومباردىمان قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەدىن 2 راكىتامىيۇت ئېتىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۈرىيەگە ھۇجۇم قىلدى.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، سۈرىيە تەرىپىدىن ئېتىلغان 2 راكىتامىيۇتنىڭ جولان ئېگىزلىكىگە چۈشكەنلىكى، بىراق ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىدار بولۇش ۋەقەسى كۆرۈلمىگەنلىكى، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭمۇ راكىتامىيۇتلار ئېتىلغان تەرەپتىكى بازىلارنى بومباردىمان قىلىپ جاۋاپ قايتۇرغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا، سۈرىيەگە قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىدى.
ئىسرائىلىيە مەتبۇئاتلىرى بولسا، بۇ ھۇجۇمنىڭ توپقا تۇتۇش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى يازدى.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئالدىنقى ئايدىمۇ سۈرىيەدىكى بەزى جايلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ
لىۋان ھىزبۇللاھى ئىسىرائىلىيە ھۇجۇم قىلسا «پۇشايمان» قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.