تالىباننىڭ ھۇجۇمىدا 140 ئەسكەر ھاياتىدىن ئايرىلدى

تېررورلۇق تەشكىلاتى تالىبان، ئافغانىستان ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن نۇرغۇن رەھبەرلىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ۋە شۇنىڭغا جاۋابەن بۇ ھۇجۇمنى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

718304
تالىباننىڭ ھۇجۇمىدا 140 ئەسكەر ھاياتىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈنۈگۈن ئافغانىستاننىڭ مازار شەرىف شەھىرىگە يىقىن بىر ھەربىي بازىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا، 140 نەپەر ئافغانىستان ئەسكىرى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

ئامېرىكا ھەربىي مەنبەرلىرى، جۈمە نامىزىدىن كېيىن تالىبان تېررورچىلىرىنىڭ ھەربىي قىياپەتكە كىرىۋىلىپ باشلىغان توقۇنۇشىنىڭ بىر قانچە سائەتكىچە داۋاملاشقانلىقىنى بىلدۈردى. 

ئافغانىستان ئەسكەرلىرىدىن باشقا يەنە پۇقرالارمۇ ھۇجۇم نىشانى قىلىنغان بولۇپ، جەمئىي 140 نەپەر ئافغانىستان ئەسكىرى ھاياتىدىن ئايرىلدى ۋە يەنە ئونلىغان كىشى يارىدار بولدى.

ئالاقىدار مەسئۇللار ئۆلگەنلەر سانىنىڭ ئېشىپ كېتىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى تالىبان ئۆز ئۈستىگە ئالدى.

تالىبان ئافغانىستان ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن نۇرغۇن رەھبەرلىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ۋە شۇنىڭغا جاۋابەن بۇ ھۇجۇمنى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر