«ھېچبىر خەلقئارالىق تەشكىلاتنىڭ تۈركىيەدىكى رېفېراندۇمنى بىكار قىلىش ھوقۇقى يوق»

ياۋروپا كېڭىشى باش كاتىپى توربىيون ياگلاند ھېچبىر خەلقئارالىق تەشكىلات ياكى ئورۇننىڭ تۈركىيەدىكى رېفېراندۇم نەتىجىسىنى بىكار قىلىش ھوقۇقىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتتى.

717628
«ھېچبىر خەلقئارالىق تەشكىلاتنىڭ تۈركىيەدىكى رېفېراندۇمنى بىكار قىلىش ھوقۇقى يوق»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياگلاند فىرانسىيەنىڭ ستراسبۇرگ شەھىرىدە ۋە گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندە بەرگەن ھەمدە گېرمانىيە تاراتقۇلىرىدا خەۋەر قىلىنغان باياناتىدا، تۈركىيەدە ئالىي سايلام كومىتېتىنىڭ 16 – ئاپرېل رېفېراندۇمىنى بىكار قىلىش توغرۇلۇق سۇنۇلغان ئىلتىماسلارنى رەت قىلىشىدىن كېيىن، بۇ ھەقتە ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇلۇش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى، ئەمما ھېچقانداق بىر ئورگاننىڭ بۇ رېفېراندۇمنىڭ نەتىجىسىنى بىكار قىلىش ھوقۇقىنىڭ يوقلۇقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ھەممە شۇنى بىلىشى كېرەك، مەيلى ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق مەھكىمىسى بولسۇن، مەيلى باشقا تەشكىلاتلار ياكى ئورۇنلار بولسۇن، ھېچبىر خەلقئارالىق تەشكىلات ياكى ئورۇننىڭ تۈركىيەدىكى رېفېراندۇم نەتىجىسىنى بىكار قىلىش ھوقۇقى يوق.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر