ئافغانىستاندا ئادەم بومبا ھۇجۇمى مەيدانغا كەلدى

ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان زابۇل ۋىلايىتىدە ئادەم بومبا ھۇجۇمى مەيدانغا كەلدى.

716421
ئافغانىستاندا ئادەم بومبا ھۇجۇمى مەيدانغا كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان زابۇل ۋىلايىتىدە ئادەم بومبا ھۇجۇمى مەيدانغا كېلىپ 2 ئادەم ئۆلدى.

زابۇل ۋالىي مەھكىمىسى باياناتچىسى گۈل ئىسلام سىيال زابۇلنىڭ سىنكېي ناھىيەسىدىكى بىر يول بويىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبىنىڭ شىنكېي ناھىيەسى ساقچى ئىدارىسى مۇدىرى سەيفۇللاھ ھوتاكنىڭ ئاپتوموبىلى يولدىن ئۆتۈۋاتقاندا پارتىلتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھۇجۇمدا شىكېي ساقچى ئىدارىسى باشلىقى ھوتاك بىلەن بىر مۇھاپىزەتچىسىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېيتقان سىيال، 4 مۇھاپىزەتچىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېيتتى.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ھازىرغىچە ھېچكىم ئۈستىگە ئالمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر