ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى ئامېرىكىنىڭ ۋېنېزۇئېلاغا ھەرىكەت قوزغاشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو ئامېرىكىنىڭ ۋېنېزۇئېلاغا قارشى ھەرىكەت قوزغاشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

716276
ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى ئامېرىكىنىڭ ۋېنېزۇئېلاغا ھەرىكەت قوزغاشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى  خەۋىرى: ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى مادۇرو ئامېرىكىنى ۋېنېزۇئېلاغا قارشى ھەرىكەت قوزغاشقا  تەييارلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى.

ئىسپانىيەدىكى خەۋەر ئاگېنتلىقى EFE نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنستىرلىقىنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ۋېنېزۇئېلاغا قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشنى ئېلان قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى. ۋېنېزۇئېلادا ئامېرىكىنىڭ بۇ ئۇقتۇرۇشىنىڭ زورۋانلىق ۋە قالايمىقانچىلىقنىڭ باش كۆتۈرۈلۈشىگە سەۋەب بولۇپ قالىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

مادۇرو مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋېنېزۇئېلاغا قارشى ھەرىكەت قىلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىپ بولدى، شۇنى دەپ قويايكى بىزمۇ ئۇلارغا تېگىشلىك جاۋابنى قايتۇرىمىز.»

مادۇرو ئامېرىكىنىڭ بۇ ئۇقتۇرۇشى ئۈستىدە ئەستايىل ئىزدىنىش ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى ئېيتىپ يەنە مۇنۇلارنى دېدى: « زوراۋانلىق، ئۆلۈم ۋە قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىشنى مەقسەت قىلغان بۇ ئۇقتۇرۇشنى ھەممىڭلارنىڭ ئوقۇپ چىقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن، ئۇقتۇرۇشتىن ئامېرىكىنىڭ قانداق پىلانىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس.»

پىرېزىدېنت مادۇرو ھەرىكەت قوزغىغۇچىلارغا قارشى «ئۇرۇش قىلىپ»ئۇلارنى «ئاساسىي قانۇن، خەلقنىڭ ۋە ئارمىيەنىڭ كۈچى تۈرتكىسىدە تىنچلىق ئىچىدە مەغلۇپ قىلىدىغانلىقلىرىنى»بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر