لى كېچياڭ: «خىتاي ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ باياشاتلىقىنى ئارزۇ قىلىدۇ»

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەت ۋە بىخەتەرلىك سىياسەتلىرى ئالىي ۋەكىلى فېدېرىكا موگېرىنى خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ بىلەن كۆرۈشتى.

716335
لى كېچياڭ: «خىتاي ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ باياشاتلىقىنى ئارزۇ قىلىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەت ۋە بىخەتەرلىك سىياسەتلىرى ئالىي ۋەكىلى فېدېرىكا موگېرىنى خىتاي بىلەن بولغان ئوخشىماسلىقلارنى ئىجابىي ھەمكارلىق ئىچىدە مۇزاكىرىلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەت ۋە بىخەتەرلىك سىياسەتلىرى ئالىي ۋەكىلى فېدېرىكا موۇېرىنى بىلەن كۆرۈشتى.

موگېرىنى بىلەن جۇڭنانخەيدە كۈرۈشكەن باش مىنىستىر لى كېچياڭ خىتاي - ياروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىگە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خەلقئارالىق مەسئۇلىيەتلىرىنى ئورۇندۇشىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

لى كېچياڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، «خىتاي ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پۈتۈنلۈكىنى قوللايدۇ. بىرلىك، مۇقىملىق ۋە باياشاتلىق ئىچىدە بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ» دېدى.

لى كېچياڭ ئۆزئارا مەبلەغ سېلىش كېلىشىملىرىگە ئالاقىدار ئۇچرىشىشلار ۋە ئەركىن سودا كېلىشىملىرىگە قارىتىلغان خىزمەتلەرنى ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئۆزئارا ھۆرمەت ۋە باراۋەرلىك دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى توغرا ئاساستا مۇزاكىرىلىشىشنى ئارزۇ قىلدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن لى كېچياڭ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ رايون خاراكتېرلىك مۇقىملىق، دۇنيا تىنچلىقى، يەر شارى خاراكتېرلىك قىيىنچىلىقلار، خەلقئارا رەھبەرلىك سىستېمىسىنىڭ مۇكەممەللىشىشى، ئادىل ۋە ئەركىن سودا قاتارلىق تېمىلاردا مۇھىم سىگناللارنى بەرگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئالىي ۋەكىل موگېرىنىمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خەلقئارالىق مەسئۇلىيەتلىرىنى ئورۇنداشقا زور ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي بىلەن بولغان ئوخشىماسلىقلارنى ئىجابىي ھەمكارلىق ئىچىدە مۇزاكىرىلىشىشنى خالايدۇ» دېدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر