بوكو ھارام مىلىتانلىرى ئادەم بومبا ھۇجۇمى سادىر قىلدى

كامېرۇندا تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارام مىلىتانلىرى ئادەم بومبا ھۇجۇمى سادىر قىلدى.

716423
بوكو ھارام مىلىتانلىرى ئادەم بومبا ھۇجۇمى سادىر قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كامېرۇننىڭ شىمالىدىكى كولوفاتا شەھىرىنىڭ ھۆكۈمەت بىناسىغا يېقىن جايدا بوكو ھارام مىلىتانلىرى ئادەم بومبا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىپ 1ى ئەسكەر بولۇپ جەمئىي 5 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

بۇنىڭدىن تاشقىرى شىمالىي رايونلارنىڭ ھاكىمىيىتىگە مەسئۇل مىدجىياۋا باقارى، بوكو ھارامنىڭ مىبرېچې ناھىيەسىدىمۇ ئادەم بومبا ھۇجۇمى سادىر قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

باقارى تېررورچىلارنىڭ بىر ئايالنىڭ جېنىغا زامىن بولغاندىن سىرت 3 قىز بالىنى گۆرۈگە ئېلىۋالغانلىقىنى ئۇقتۇرغاندىن تاشقىرى، رايون ئاھالىسىنىڭ تېررورچىلارنىڭ ھۇجۇملىرى سەۋەبلىك نىگېرىيەگە قاراپ قېچىۋاتقانلىقلىرىنىمۇ ئىلگىرى سۈردى.

نىگېرىيەدە 2000-يىللاردا باش كۆتۈرگەن، كاتتىبېشى مۇھەممەد يۇسۇفنىڭ زىنداندىكى ۋاقتىدا ئۆلۈپ كېتىشىدىن كېيىن 2009-يىلى تېررورلۇق ۋە زواۋانلىق قىلمىشلىرى سادىر قىلىشقا باشلىغان بوكو ھارام تەشكىلاتى ھازىرغىچە17مىڭغا يېقىن كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

بوكو ھارام تەشكىلاتى  بۇلتۇردىن باشلاپ تېررورلۇق قىلمىشلىرىنى كامېرۇن، بېنىن، چاد ۋە نىگېر قاتارلىق قوشنا دۆلەتلەرگىمۇ كېڭەيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر