ئامېرىكا يادرو قوراللىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يادرو قوراللىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى.

714923
ئامېرىكا يادرو قوراللىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇداپىئە مىنىستىرلىقى-پېنتاگون يادرو قوراللىنىش ئەھۋالى ئۈستىدە تەكشۈرۈش خىزمىتى باشلىدى.

پېنتاگون باياناتچىسى دانا ۋايت بۇ ھەقتە يازما بايانات ئېلان قىلىپ، پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ 27-يانۋاردا ئېلان قىلغان دۆلەت خەۋپسىزلىك پىرېزىدېنتلىق پەرمانىنى ئەسلىتىپ ئۆتۈپ مۇداپىئە مىنىستىرى جىم ماتتىسنىڭ  مۇئاۋىن مۇداپىئە مىنىستىرى بوب ۋورك بىلەن ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى مۇئاۋىن باشلىقى پاۋۇل سېلۋانى «يادرو قوراللىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى»نى بۈگۈن باشلاش ئۈچۈن ۋەزىپىگە تەيىنلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ۋايىت باياناتىدا يادرو قوراللىنىش ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش دوكلاتىنىڭ يىل ئاخىرىغىچە ئاقسارايغا  تاپشۇرۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

دونالد ترامپ پىرېزىدېتلىق پەرمانىدا مۇداپىئە مىنىستىرىغا ئامېرىكىنىڭ يادرو كۈچىنىڭ بىخەتەر ۋە ئاكتىپ ياكى ئەمەسلىكى ۋە 21-ئەسىردىكى تەھدىت ۋە خەۋپلەرنى ئاجىزلاشۇرۇش ھەتتا يوق قىلىش، شۇنداقلا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرگە ئىشەنچ بېرىش جەھەتتە يېتەرلىك كۈچگە ئىگە ياكى ئەمەسلىكىنى ئېنىقلاپ چىقىش مەقسىتىدە يادرو قوراللىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە يوليۇرۇق بەرگەنىدى.

يېقىنقى كۈنلەردە ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ رۇسىيەنىڭ يادرو قوراللارنى ئاكتىپ ئىشلەپچىقىرىۋاتقانلىقى توغرۇلۇق باياناتلار ئېلان قىلىشى ۋە شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو پىروگراممىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سۈرئىتىنى تېزلەشتۈرۈۋاتقانلىقى، شۇنداقلا ئارقا-ئارقىدىن باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىشى قاتارلىقلار ۋەزىيەتنى تېخىمۇ جىددىيلاشتۇرۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر