ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە ب د ت سۈرىيە كىرىزىسى توغرىسىدا سۆزلىشىدۇ

رۇسىيە، ئامېرىكا ۋە ب د ت ۋەكىللىرىنىڭ ئالدىمىزدىكى ھەپتە شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋەدە سۈرىيە مەسىلىسى توغرىسىدا يىغىن ئۆتكۈزىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

714600
ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە ب د ت سۈرىيە كىرىزىسى توغرىسىدا سۆزلىشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مىخائىل بوگدانوۋ، موسكۋا ۋە ۋاشىنگتون ۋەكىللىرىنىڭ سۈرىيەدىكى كىرىزىس توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئالدىمىزدىكى ھەپتە جەنۋەگە بارىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر يىغىنغا ئىككى دۆلەت ۋەكىللىرىدىن سىرت ب د ت  ھەيئىتىمۇ ئىشتىراك قىلىدىكەن.

رۇسىيە، ئىچكى ئۇرۇش يەتتىنچى يىلىغا قەدەم قويغان سۈرىيەدىكى ھاكىمىيەت تەرەپنىڭ ئەڭ مۇھىم ھىمايىچىسى ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكا بولسا، ئۆكتىچىلەرنى قوللايدۇ، بەششار ئەسەدكە سوغۇق قارايدۇ.

ئىككى ھەپتە ئىلگىرى ئىدلىبتىكى خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمىدا بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 100 ئەتراپىدا ئادەمنىڭ ئۆلۈشىدىن كېيىن، ئامېرىكا تۇنجى قېتىم دەمەشق ھاكىمىيىتىنى نىشانغا ئېلىپ، ئاق دېڭىزدىكى ئۇرۇش پاراخوتلىرىدىن دەمەشققە قاراشلىق شەيرات ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا توماخاۋك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى قويۇپ بەرگەن؛ ئارقىدىن ئامېرىكا – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى يىرىكلىشىپ كەتكەنىدى. ھەتتا، رۇسىيە باش مىنىستىرى دىمىترىي مېدۋېدېۋ، دۇنيانىڭ چوڭ دۆلەتلىرىنىڭ ئۇرۇشنىڭ گىرۋىكىگە كېلىپ قالغانلىقىنى ئېيتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر