تۈركىيەدىكى رېفېراندۇم خىتاينىڭمۇ دىققىتىنى تارتتى

خىتايدا چىقىدىغان «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ 16-ئاپرېل تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاساسىي قانۇن رېفېراندۇمى توغرىسىدا ئەلرايى سىناشنى باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

714679
تۈركىيەدىكى رېفېراندۇم خىتاينىڭمۇ دىققىتىنى تارتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ يەر شارى ۋاقتى گېزىتى (Global Times)، 16-ئاپرېل ئۆتكۈزۈلگەن رېفېراندۇمنىڭ تۈركىيەگە قانداق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئەلرايى سىناش ئېلىپ بارغان.

گېزىتىنىڭ، «رېفېراندۇم تۈركىيەگە ياخشى ئاقىۋەت ئېلىپ كېلەمدۇ ياكى يامان ئاقىۋەت ئېلىپ كېلەمدۇ؟» دېگەن تېما ئاستىدىكى ئەلرايىنى سىناش پائالىيىتى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ھازىرغىچە بۇنىڭغا 188 ئادەم قاتناشقان. بەزى زىيارەتچىلەر ئۆزىنىڭ ئىنكاسىنى قالدۇرغان.

سىياسىي كۆزەتكۈچىلەر، مەزكۇر گېزىتنىڭ ئەلرايىنى سىناش نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ رېفېراندۇمغا ھەمدە تۈركىيەگە قانداق قارايدىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

رېفېراندۇم نەتىجىلىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بىرىنچى بولۇپ ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى تەبرىكلىدى. ئارقىدىن بەھرەين، پەلەستىن ۋە ئافرىقىدىكى بەزى دۆلەت باشلىقلىرىمۇ رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تەبرىكلەپ تېلېفون قىلدى.

غەرب دۆلەتلىرىدىكى تاراتقۇلارنىڭ كۆپىنچىسىدە رېفېراندۇمغا نىسبەتەن تەنقىدىي قاراشلار ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى: «ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتى ئېلان قىلىنمىغىچە رېفېراندۇم ھەققىدە بىر نەرسە دېمەيمىز» دەپ بايانات ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر