دۇنيا رەھبەرلىرى ئەردوغاننى تەبرىكلىمەكتە

ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش قانۇن تەكلىپىگە ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلىشىدىن كېيىن، دۇنيا رەھبەرلىرى جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا تېلېفون قىلىپ، غەلىبىسىنى تەبرىكلىمەكتە.

714221
دۇنيا رەھبەرلىرى ئەردوغاننى تەبرىكلىمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:ئالدى بىلەن ئەزەربەيجان، قاتار ۋە پەلەستىن رەھبەرلىرى ئەردوغانغا تېلېفون قىلدى.

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ رېفېراندۇمنىڭ  غەلىبىلىك تاماملانغانلىقى ۋە سايلامغا ئىشتىراك قىلىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋە تۈركىيە خەلقىنى تەبرىكلىدى.

ئېلىيېۋ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا يوللىغان تەبرىك تېلېگراممىسىدا، رېفېراندۇم نەتىجىسىنىڭ خەلقنىڭ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ سىياسىتىنى قوللايدىغانلىقىنىڭ  نامايەندىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

قاتار ئەمىرى شەيخ ھەمەد ئەلسانى ۋە پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباسمۇ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا تېلېفون قىلىپ، رېفېراندۇم غەلىبىسىنى تەبرىكلىدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا رېفېراندۇم غەلىبىسىنى تەبرىكلەپ تېلېفون قىلغانلار ئارىسىدا بەھرەين پادىشاھى ھەمەد بىن ئىسا ئەلخەلىفە، ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ باشلىقى، قوشۇمچە، گىۋىنېيە پىرېزىدېنتى ئالپا كوندى، تۇنىس نەھدە ھەرىكىتى رەھبىرى راشىد غەننۇشى قاتارلىقلارمۇ بار.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر